شاۋكەت مىرزىيايېف سابىق پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموفنىڭ نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈشكە تىرىشماقتا


ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيايېف مەرھۇم پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموفنى خاتىرىلەيدىغان بىر قاتار چارىلەرنى بېكىتكەن بولۇپ، يېقىندا ئۇ قارار چىقىرىپ، تاشكەنت شەھىرىدىكى بەش رايوننى تۇتاشتۇرىدىغان ئەڭ ئۇزۇن بىر كوچىنىڭ ئىسمىغا ئىسلام كەرىموفنىڭ نامىنى قويغان.

پەرغانە تورىنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ «پودروبنو.ئۇز» تورىدىن نەقىل ئېلىشىچە، پرېزىدېنت شاۋكەت مىرزىيايېف بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئىسلام كەرىموف ۋاپات بولغان 2-سېنتەبىر كۈنىنى ھەر يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە خاتىرىلەش كۈنى قىلىپ بېكىتكەن شۇنىڭدەك ھەر يىلى 30-يانۋار كۈنى، يەنى ئىسلام كەرىموفنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى پۈتۈن ئۆزبېكىستان مىقياسىدا خاتىرىلەشنى قارار قىلغان. ئۇ يەنە، ئىسلام كەرىموفنىڭ سەمەرقەنتتىكى قەبرىسى يېنىدا خاتىرە سارىيى سېلىش، تاشكەنت، سەمەرقەنت، قارشى قاتارلىق شەھەرلەردە خاتىرە ئابىدىلىرىنى تىكلەشنى قارار قىلغان.

شاۋكەت مىرزىيايېۋ بۇلاردىن باشقا يەنە تاشكەنت دۆلەت تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئاساكە شەھىرىدىكى ئاپتوموبىل زاۋوتى، پەرغانىدىكى سەنئەت سارىيى، تاشكەنت خەلقئارا ئايرودرومى ۋە باشقا بىر قىسىم ئورۇنلارغا ئىسلام كەرىموفنىڭ نامىنى قويۇش بۇيرۇقى ئېلان قىلغان.

ئىسلام كەرىموف ئۆزبېكىستاننى 1989-يىلىدىن تارتىپ، 2016-يىلى، 2-سېنتەبىر كۈنى ئۆلگۈچە 27 يىل ئىدارە قىلغان ئىدى.

خەلقئارالىق ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ يېڭى پرېزىدېنت شاۋكەت مىرزىيايېۋتىن ئۇنىڭ ئىسلام كەرىموف دەۋرىدىكى ھاكىممۇتلەقلىققە خاتىمە بېرىش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ،پۇقرالارنىڭ دېموكراتىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، بۇ دۆلەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى مەلۇم.