«شېين گۇرۇھى» نىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىندى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 1-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن جېننېفىر ۋېكستون (Jennifer Wexton)، جون روس (John Rose) قاتارلىق 20 نەچچە كىشى بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ، ئامېرىكا ئاكسىيە ۋە سودا كومىتېتى (SEC) غا كوللېكتىپ مەكتۇپ يوللىغان. مەكتۇپتا ئۇلار «شېين گۇرۇھى» (Shein) نىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدىكى مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە باغلىنىشلىق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلغان. مەكتۇپتا ئېنىق قىلىپ «سودا ساھەسىدىكى بىخەتەرلىك ئامېرىكا تەۋەسىدە قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ. دۆلىتىمىز تەۋەسىدە سودا قىلماقچى بولغان چەت ئەل شىركەتلىرىمۇ بۇ قائىدىگە رىئايە قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىنى ھېمايە قىلىدىغانلىقىنى نامايەن قىلالىشى لازىم» دېيىلگەن. ئەمما مەزكۇر شىركەتنىڭ باياناتچىسى بۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇرۇپ «بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىزغا ھېچقانداق مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىلى ئارىلاشمىغان. بىز بۇ خىل ھادىسىگە قىلچىمۇ كەڭ قورساقلىق قىلىپ باقمىغان» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2022-يىلىلا «بلۇمبېرگ تورى» نىڭ تەكشۈرۈشلىرىدە «شېين گۇرۇھى» نىڭ كىيىم-كېچەكلىرىگە ئىشلىتىلگەن پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىن كېلىدىغانلىقى ئاشكارا بولغان. ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئەڭ كەڭ قوللىنىلىۋاتقان ساھەنىڭ بىرى پاختا مەھسۇلاتلىرى بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل بۇنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن. بىر قىسىم سىياسىيونلار ۋە ئىقتىسادشۇناسلار، «شېين گۇرۇھى» نىڭ بۇنچە تېز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ كېتىشىدە ئۇلارنىڭ «ئەڭ تۆۋەن چەك» ھەققىدىكى يوچۇقتىن پايدىلىنىپ، ئەرزان باھالىق خىتاي ماللىرىنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا بازىرىغا تۆكمە قىلىپ سېتىشىنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. چۈنكى «ئەڭ تۆۋەن چەك» ھەققىدىكى بەلگىلىمە بويىچە باھاسى 800 دوللاردىن تۆۋەن بولغان تاۋارلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تەكشۈرۈلمەيدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «شېين گۇرۇھى» 2008-يىلى نەنجىڭدە قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تور سودا سارايلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. مەزكۇر گۇرۇھ ئاساسەن خىتايدا ئىشلەنگەن كىيىم-كېچەكلەرنى تور ئارقىلىق ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئاسىيا قىتئەلىرىدە 5-10 دوللارلىق باھادا سېتىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن تېزدىن بازار تاپقان.