ۋىلسون مەركىزى شەڭ شىسەينىڭ 1934-يىلى 6-ئايدا ستالىنغا يازغان مەخپىي خېتىنى ئېلان قىلغان


باش شىتابى ۋاشىنگتوندىكى ۋىلسون تەتقىقات مەركىزى يېقىندا شېڭ شىسەينىڭ 1934-يىلى 6-ئايدا ستالىنغا يوللىغان مۇتلەق مەخپىي مەكتۇبلىرىدىن بىرىنى ئېلان قىلغان.

مەزكۇر مەكتۇبتا شېڭ شىسەي ئىنتايىن چىرايلىق ۋە دەبدەبىلىك ئىبارىلەرنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن باشلاپلا ماركىسىزمغا ئەقىدە باغلىغانلىقى، «كاپىتال»، «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» ۋە «گوتا پروگراممىسىغا تەنقىد» قاتارلىق ئەسەرلەرنى قېتىقىنىپ ئۆگەنگەنلىكى شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كومپارتىيە ئەزاسى بولۇش ئارزۇسىدىن بىر كۈنمۇ قايتمىغانلىقىنى بايان قىلغان.

جەمئىي 14 نۇقتا بويىچە يېزىلغان شېڭ شىسەينىڭ بۇ ئۇزۇن مەكتۇبىدا ئۇنىڭ نەنجىڭدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىن قول ئۈزۈپ، خىتايدا بىر كوممۇنىستىك ھاكىمەيەتنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكچى بولغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزى ئىدارە قىلىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدا كومپارتىيەنىڭ بىر شۆبىسىنى قۇرۇشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى ئىزھار قىلغان.

ئۇ مەزكۇر مەكتۇبتا سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىدىن ستالىن، مولوتوف ۋە ۋوروشىلوفلارنىڭ ئۇنىڭ سوۋېت بولشېۋىكلار پارتىيەسىگە ئەزا بولۇپ كىشىگە قولۇشۇلىشىنى ئۆتۈنۈپ سورىغان.

شېڭ شىسەي مەزكۇر مەكتۇبنىڭ بېشىدا يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىسيانلارنى تىنجىتىپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ ما جۇڭيىڭنىڭ تەھلىكىسىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكىگە ئالاھىدە مىنەتدارلىق بىلدۈرگەن.

تارىخچىلار، شېڭ شىسەينىڭ مەزكۇر مەكتۇبىنىڭ 1934-يىلى 6-ئايدا ستالىنغا يوللانغانلىقىنى، بۇ مەزگىلدە شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ياردىمىگە تايىنىپ ما جۇڭيىڭنى تارمار قىلغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋاستىسى بىلەن خوجانىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرىنى سۈلھىگە كەلتۈرۈپ، ئۆز ھاكىمىيىتىگە كېلىۋاتقان قوش خىرىستىن ۋاقىتلىق قۇتۇلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئۇلار يەنە بۇ مەكتۇب ئەينى ۋاقىتتا شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تايىنىپ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇش، ئاخىرىدا خىتايدا قۇرۇلغۇسى كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ رەھبىرى بولۇشتەك بىر سىياسىي قارا نىيىتىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.