شېنجېندىكى تۇپراق سىرىلىش ۋەقەسىدە 22 بىنا ۋەيران بولدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015.12.20


يەكشەنبە كۈنى گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنجېن شەھىرىدىكى گۇاڭمىڭ يېڭى رايونىدا يۈز بەرگەن چوڭ كۆلەمدىكى تۇپراق سىرىلىش ۋەقەسى نەتىجىسىدە 22 بىنا ۋەيران بولۇپ، بۇ جايدىكى بىنالارنىڭ كۆپىنچىسى يەر كۆچكەن يە ئاستىدا قالغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن شىنخۇا تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە 27 ئادەم ئىز - دېرەكسىز يوقالغان. ئەمما، بىر قىسىم خەلقارا ئاگېنتلىقلار ۋەقەدە 40 ئادەمنىڭ ئىز - دېرەكسىز يوقالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

جىددىي ئېلىپ بېرىلغان قۇتقۇزۇش ئىشلىرى جەريانىدا 7 ئادەم بۇزۇلغان بىنالار خارابىسىدىن قۇتۇلدۇرۇلغان، تۇپراق سىرىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن ئىلگىرىلا 900 ئادەم نەق مەيداندىن يىراقلاشتۇرۇلغان. ئەمما ھازىرغىچە ئىز - دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەنلەرنىڭ تەقدىرى ئېنىق ئەمەس. نۆۋەتتە، بۇ يەردە 1500 قۇتقۇزۇش خادىمى جىددىي ئىش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن. ۋەقەدىن كېيىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىپ، ئۆلۈش ۋە يارىلىنىشنى ئازلىتىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭدەك ۋەقەدىن كېيىن خىتاي قىزىل كىرسېت جەمىيىتى، گۇئاڭدوڭ قىزىل كىرسىت جەمىيىتى ۋە باشقا ئورۇنلار ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا تېز ياردەم كۆرسىتىشكە كىرىشكەن.

لېكىن، بۇ قېتىمقى چوڭ كۆلەمدىكى يەر كۆچۈش ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدە تېخى ھېچقانداق يەكۈن چىقىرىلمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.