«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ 24-فېۋرالدىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، يۇقۇملۇق كېسەللىك مۇتەخەسسىسلىرى خىتايدا يېقىندىن بۇيان رەسمىي ئېنىقلانغان شەپەرەڭ تاجسىمان ۋىرۇسى (HKU5-CoV-2) نىڭ خۇددى ئىلگىرىكى تاجسىمان ۋىرۇسى (كوۋىد-19) غا ئوخشاشلا ئادەم بەدىنىگە كىرىپ ماكانلىشىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ ھال تېزدىن يېقىن كەلگۈسىدە يەنە بىر مەيدان ۋابا ئاپىتى بولۇش ھەققىدىكى تەخمىنلەرگە كەڭ يول ئاچقان.
ئەنگلىيەدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر پىروفېسسورى دېيۋىد خېيمان (David Heymann) بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ «يېڭىدىن بايقالغان بۇ ۋىرۇس ھازىر ھايۋانلارنىڭ تېنىدىن ئورۇن ئالغان. ئەمما ئۇ ھەر بىر يېڭى ۋىرۇسنىڭ ھەرقاچان ئىنسانلارغا تارقىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بىز بۇنىڭغا قارىتا يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلىشىمىز لازىم» دېگەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ شەپەرەڭ تاجسىمان ۋىرۇسى ھايۋانلاردىن ئادەمگە، شۇنداقلا ئادەمدىن ئادەمگە تارقىلىدىغان بولۇپ، قۇرۇلما جەھەتتە ئىلگىرىكى تاجسىمان ۋىرۇسىغا ئوخشاپ كېتىدىكەن. «شەپەرەڭ خوتۇن» دەپ نام ئالغان خىتاي مۇتەخەسسىس شى جېڭلى 18-فېۋرالدا «ھۈجەيرە» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ماقالىسىدە مۇشۇ خىل پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ «شەپەرەڭدىكى بۇ خىل ۋىرۇس قۇرۇلمىسى ئاسانلا ئىنسانلارغا يوشۇرۇن ئاپەت ئېلىپ كېلەلەيدۇ» دېگەن.
ئالىملارنىڭ ئورتاق قارىشىچە، شەپەرەڭ ئىزچىل كۆپ خىل تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ «بىخلىنىش ئۇۋىسى» بولۇپ، ھەرقاچان ئىككىنچى قەدەمدە ئىنسانلارغا تارقىتىش بىلەن تونۇلۇپ كەلگەن. بۇ ئادەتتە ئىككى خىل يول بىلەن تارقىلىدىغان بولۇپ بىرى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان شەپەرەڭدىن، يەنە بىر شەپەرەڭ ۋىرۇسى يۇققان ھايۋانلاردىن ئادەمگە يۇقىدىكەن. ئەڭ دەسلەپ خوڭكوڭدا بايقالغان بۇ يېڭى شەپەرەڭ ۋىرۇسى ھازىرچە تېخى بىرەر ئادەمگە يۇقمىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ قۇرۇلما جەھەتتە تاجسىمان ۋىرۇسى بىلەن ئوخشاش بولۇشى بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ قالغان.