ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى بىلەن خەلقئارالىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوند جەمئىيىتى 1933 - يىلى 12 - نويابىر كۈنى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ 80 يىللىقى ۋە 1944 - يىلى 12 - نويابىر كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 69 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەمدە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ15 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مەخسۇس مۇراسىم ئۆتكۈزمەكچى.
ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، 12 - نويابىر كۈنى، يەنى سەيشەنبە كۈنى ئىككى جۇمھۇرىيەتنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ رايبۇرۇن زالىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مەجلىسىدە مۇراسىم بىلەن خاتىرىلەنگەندىن كېيىن، پائالىيەتلەر داۋاملىشىپ، ئاخشىمى داۋاملىق ھالدا باشقا ئورۇندا ھەر خىل مەزمۇن ۋە پروگراممىلار بويىچە ئىككى جۇمھۇرىيەتنى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تۇنجى قېتىم 20 - ئەسىر تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خاتىرىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ يىل 1933 - يىلى 12 - نويابىر كۈنى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە 80 يىل توشتى. تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى قېتىم ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى بولۇپ، بۇ جۇمھۇرىيەت ئۆز ئاساسىي قانۇنى، دۆلەت گېربى ۋە بايرىقىغا ئىگە بولغان. خوجا نىياز ھاجىم جۇمھۇرىيەت رەئىسى، سابىت داموللا باش مىنىستىر بولغان. مەزكۇر ھۆكۈمەت ئىلگىرى - كېيىن 6 ئاي ۋاقىت مەۋجۇت بولۇپ تۇردى ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ئارىلىشىشى ۋە ما جوڭيىڭ قوشۇنلىرىنىڭ ھۇجۇملىرى بىلەن ئاخىرلاشتى.
ئىككىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە 69 يىل توشتى. 1944 - يىلى قۇرۇلغان بۇ جۇمھۇرىيەت 5 يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپ ئاخىرى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ھەمكارلىقى نەتىجىسىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.
12 - نويابىر جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر يىلى تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن ئۆتلكۈزۈلمەكتە.