خەلقئارادىكى داڭلىق ئىلمىي مەجمۇئە - «ھازىرقى شەرقشۇناسلىق» نىڭ بۇ يىللىق سانى قازاق ۋە ئۇيغۇر تەتىقاتىغا بېغىشلانغان

«ھازىرقى شەرقشۇناسلىق» مەجمۇئەسى برىل نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىدىغان ئىلمىي توپلام بولۇپ، بۇ يىل يازدا ئۇنىڭ 96 - سانى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.

ھەم كىتاب شەكلىدە ھەم ئېلېكترونلۇق تور نۇسخىسىدا نەشىر قىلىنىدىغان «ھازىرقى شەرقشۇناسلىق» مەجمۇئەسى ئوتتۇرا شەرق ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، تارىخىي، مەدەنىيەت، تىل، ئەدەبىيات ۋە باشقا مەسىلىلىرى ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلارغا بېغىشلانغان توپلامدۇر.

«ھازىرقى شەرقشۇناسلىق» مەجمۇئەسىنىڭ بۇ يىللىق سانى، يەنى ئومۇمىي 96 - سانى قازاقىستانغا بېغىشلانغان بولۇپ، قازاقىستاننىڭ رۇس ئىستېلاسىدىن بۇيانقى تارىخ، مەدەنىيەت ۋە جەمئىيەت ئەھۋالى ھەققىدىكى بىر يۈرۈش ماقالىلار ئورۇن ئالغان.

توپلام مۇندەرىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مەجمۇئەدە «قازاقلار ۋە 19 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئورتا ئاسىيا خانلىقلىرى»، «تاشكەنت رايونىدىكى قازاق ئاھالىلىرى ئارىسىدا رۇسلارنىڭ مائارىپ ۋە مەنىۋىي جەھەتتە يۈرگۈزگەن مۇستەملىكە سىياسىتى»، «چاررۇسىيە ئىمپىرىيەسىنىڭ قازاق دالاسىدا ئېلىپ بارغان ئىستاتېستىكىلىق تەكشۈرۈشلىرى ھەققىدە تەتقىقات» قاتارلىق بىر قىسىم مۇھىم ماقالىلار ئورۇن ئالغان. مەزكۇر مەجمۇئەگە يەنە ئابلەت كامالوفنىڭ «يەتتەسۇ رايونىدا ئۇيغۇر مىللىي تارىخىنىڭ تۇغۇلۇشى» ناملىق ماقالىسىمۇ كىرگۈزۈلگەن.

مەلۇمكى، برىل نەشرىياتى ئۇيغۇر ۋە ئورتا ئاسىيا تەتقىقاتى بويىچە داڭلىق ئىلمىي كىتابلارنى نەشىر قىلىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا «خىتاي بىلەن ئورتا ئاسىيا ئارىلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى»، «19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 20 - ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىغىچە بولغان ئۇيغۇر جەمئىيەت تارىخى»، «قەلەم كۈرىشى» قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلەرنى يورۇقلۇققا چىقارغان.