خىتاي ج خ مىنىستىرىنىڭ شەخسى پاسپورتقا نوپۇس تەلەپ قىلماسلىق ئۇقتۇرۇشى دىققەت قوزغىدى

خىتاينىڭ شىنخۇا تورىنىڭ 28-دېكابىر ئېلان قىلغان «شەخسى ئىش سەۋەبىدىن چېگرادىن چىقىش كىنىشكىسى يەنى پاسپورت بېجىرىدىغانلاردىن نوپۇس قەغىزى تەلەپ قىلىنمايدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋەر دىققەت قوزغىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى خىتاي ج خ مىنىستىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە،«پۇقرالارنىڭ پاسپورت بېجىرىشى، خوڭكوڭ ئاۋمېن، تەيۋەن رايونىغا بېرىش رۇخسەتنامىسى قاتارلىقلارنى بېجىرىشتە ۋاقىت چەكلىمىسىنى يولغا قويۇش، ئۇندىن باشقا شەخسى ئىشى ئۈچۈن دۆلەت چېگراسىدىن چىقىش رەسمىيىتى بېجىرگۈچىلەردىن كىملىكىنى تەكشۈرۈش قەغىزى ۋە نوپۇس قەغىزىنى تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى، باشقا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېكىتىدىن كۆرسە بولىدىغانلىقى»تەكىتلەنگەن.

ھالبۇكى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان خىتايدا ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ پاسپورت بېجىرىشىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھالدا، ھەر خىل چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى خەلقئارادا ئۈزلۈكسىز تەنقىدلەشكە ئۇچراۋاتقان مەزگىلدە خىتاي ج خ مىنىستىرىنىڭ پاسپورت بېجىرىشنى قۇلايلاشتۇرۇش ئۇقتۇرۇشى تارقىتىشى دىققەت قوزغىدى.

ج خ مىنىستىرى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان «پاسپورت بېجىرىش رەسمىيىتىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۇقتۇرۇشى»نىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قانداق ئىجرا قىلىنىشى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.