خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 22-سېنتەبىر چۈشتىن ئىلگىرى خانىمى پېڭ لىيۈەن بىلەن بىللە ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىرغىغىدىكى سودا-سانائەت شەھىرى سىياتۇل شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ ئامېرىكىدىكى زىيارىتىنى باشلىدى.
شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم نېمە ئۈچۈن زىيارىتىنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىن ئەمەس، بەلكى سىياتۇل شەھىرىدىن باشلىغانلىقى نۆۋەتتە خىتاي ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق تېمىلىرىدىن بىرى بولماقتا.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىقلاردا شى جىنپىڭنىڭ سىياتۇل شەھىرىدە ئاۋۋال خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلىدىغان بىر قىسىم مۇھىم سودا كېلىشىملىرىنى ئىمزالاش مەقسىتىدە، سىياتۇلنى 1-بېكەت قىلغانلىقى ۋە نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ھەققىدە مەخسۇس بىر بەتنى ئىگىلىگەن خەۋەر بېرىلگەنلىكى كۈچەپ تەشۋىق قىلدى. ئەمما، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تاراتقۇلىرىدا، ئامېرىكىدىكى خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ زور مىقداردا پۇل خەجلەپ نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ھەققىدە ئالدىن-ئالا بىر بەتلىك خەۋەر ئېلانى بەرگەنلىكى ۋە ۋاتىكان پوپىنىڭمۇ دەل شى جىنپىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنى باشلىغان كۈنلەردە ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بولسا، ۋاتىكان پوپىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى زىيارىتىنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى بىلەن بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر چەتنەپ ئۆتۈلگەن.