ئامېرىكا «ئاخبارات مۇزېيى» بىناسىغا پىلاكات ئېسىپ شى جىنپىڭنى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرماقچى

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 22-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئاقسارايغا بىرنەچچە كوچا ئارىلىق كېلىدىغان ئامېرىكا ئاخبارارت مۇزېيى، شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى مەزگىلىدە، بىنا ئۈستىگە پىلاكات ئېسىپ، ئۇنى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرماقچى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئاخبارارت مۇزېيى باياناتچىسى ئاقساراي ئەتراپىدىكى بىنا ئۈستىگە «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى قويۇپ بېرىلسۇن! ياشىسۇن ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە!، خەۋەرلەرنى تەكشۈرۈش تۈزۈمى توختىتىلسۇن!» قاتارلىق خىتايچە سۆزلەر يېزىلغان 6 دانە پىلاكات ئېسىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى مەزگىلىدە ئامېرىكا ئاخبارارت مۇزېيى يەنە، 1989-يىلى تيەنئەنمىن مەيدانىدا تىكلەنگەن ئەركىنلىك ئىلاھى ھەيكىلىنىڭ مودىلىنى ۋە خىتايدا باستۇرۇلۇۋاتقان ئاخبارات ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكى قاتارلىقلار ھەققىدىكى خەۋەر، ماقالىلەرنىڭمۇ كۆرگەزمە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئاخبارارت مۇزېيىنىڭ باياناتچىسى، مۇزېيىنىڭ بۇ پائالىيەتلىرىنىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، «دۇنيانىڭ بەشتىن بىر قىسىم ئاھالىسىنى ئىگىلىگەن خىتاي خەلقى ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشكەندىلا دۇنيا ئاندىن ئەركىن بولىدۇ» دېگەن.