ئامېرىكىدا رەسمىي دۆلەت زىيارىتىنى باشلاشتىن بۇرۇن 22-سېنتەبىر سېئاتىل شەھىرىگە چۈشكەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ زور قارشىلىق نامايىشلىرىغا دۇچ كەلدى.
سېئاتىلدىكى قارشىلىق نامايىشلىرى 22-ۋە 23 سېنتەبىر ئوخشاش شەكىلدە داۋام قىلدى. خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى نامايىش قىلىپ چىققان 100 ئارتۇق كىشى ئارىسىدا تىبەت ۋە فالۇنگوڭچىلار كۆپ سالماقنى ئىگىلىدى.
نامايىشچىلار خىتاينى مەھبۇس ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئىچكى ئورگانلىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈشنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.
تىبەت نامايىشچىلار خىتاينىڭ تىبەتتىكى قاتتىق قول سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىدى ۋە تىبەتكە ھۆرلۈك تەلەپ قىلدى.
خىتاي پرېزىدېنتى 24-سېنتەبىر ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىغا كېلىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ كۈنى ئۇيغۇر، خىتاي ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرى ۋاشىنگتوندا چوڭ كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشىلىق بىلدۈرىدىكەن.