رابىيە قادىر خانىم، شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىدىغان پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇلۇشى كېرەك، دېدى

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكىدىكى زىيارىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن دەس تۇرىدىغان پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم پەيشەنبە كۈنى «دىپلومات» گېزىتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، 2009-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تۈرلۈك چەكلەش، باستۇرۇش، سوتسىز ئۆلۈم، مەجبۇرىي يوقىتىۋېتىش سىياسەتلىرىنىڭ ھەسسىلەپ كۈچەيتىلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ «تېررورلۇققا، رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينى يۇقىرىدىكى مەسىلىلەردە ئاگاھلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە يەنە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان خىتايدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان زۇلۇمنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ «شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى مەزگىلىدە ئۇنىڭغا خىتايدىكى كۈنسايىن ناچارلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىش ئامېرىكىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى ۋە ئەخلاقىي ۋەزىپىسىدۇر» دېدى.

رابىيە قادىر خانىم ئېلان قىلغان باياناتىدا يەنە، شى جىنپىڭ خىتايدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بىر شارائىتتا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ۋە شۇنىڭدەك باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا دەۋەت قىلدى.