ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن تۇنجى سۆھبىتىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-02-11
Share
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن تۇنجى سۆھبىتىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكانىڭ سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا چۈشلۈك تاماقتا. 2015-يىلى 25-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون.
REUTERS

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن 10-فېۋرال كۈنى كەچتە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، كىشىلىك ھوقۇق، سودا ۋە كىلىمات مەسىلىلىرى ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن.

ئاقساراينىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: «پرېزىدېنت بايدېن سۆھبەتتە ئامېرىكا خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكى، گۈللىنىشى، ساغلاملىقى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى قوغداش، ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنى قوغداشتەك ئۆز سىياسىتىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنى مۇئەييەنلەشتۈردى».

مەلۇم بولۇشىچە، پرېزىدېنت بايدېن سۆھبەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنىمۇ ئىپادە قىلغان بولۇپ، ئاقساراي باياناتىدا بۇ ھەقتىكى ئىنچىكە تەپسىلاتلار ئۈستىدە توختالماي تۇرۇپ تۆۋەندىكىلەرنى دېگەن:

«پرېزىدېنت بايدېن بېيجىڭنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى ئادالەتسىز تىجارەت ئۇسۇلى، خوڭكوڭدىكى باستۇرۇش، شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، تەيۋەن ۋە شۇنداقلا رايوندىكى زومىگەرلىك پوزىتسىيەسى ھەققىدىكى كۈچلۈك ئەندىشىنى تەكىتلىدى».

بۇ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىشى بولۇپ، ئۇنىڭ تۇنجى سۆھبەتتىلا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى يادرولۇق پەرقلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق، سودا ۋە خەلقئارا بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى دىققەت قوزغايدىكەن.

«ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، پرېزىدېنت جوۋ بايدىن چارشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن، ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى بىر تۈركۈم ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن سۆزلەشكەن بولۇپ، بۇ، ئۇنىڭ خىتايغا يالغۇز تاقابىل تۇرۇشنى ئەمەس، بەلكى ھەرقايسى دېموكراتىك شېرىك دۆلەتلەرنىڭ لىدىرى سۈپىتىدە خىتايغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى كۆزلەۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى رەھبەر يەنە COVID-19 ۋىرۇس يۇقۇمىغا قارشى تۇرۇش، دۇنيا سەھىيە بىخەتەرلىكى، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغان.

ئاقساراينىڭ باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، پرېزىدېنت بايدېن ئامېرىكا خەلقى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرگەندە چوقۇم ئەمەلىي ۋە نەتىجە ھاسىل قىلىشنى ئاساس قىلغان ھالدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت