كېڭەش پالاتا ئەزاسى خاۋلېينىڭ شى جىنپىڭنى جاۋابكارلىققا تارتىش قانۇن لايىھەسى خىتاينىڭ قاتتىق ئىنكاسىنى قوزغىغان

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى جوش خاۋلېينىڭ ئ‍ۆتكەن ھەپتە ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنى جاۋابكارلىققا تارتىش قانۇن لايىھەسى، خىتاينىڭ دىپلوماتىك قائىدە-يوسۇنلاردىن ھالقىغان قاتتىق ئىنكاسىنى قوزغىغان.

«ئوكسىئوس» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جوش خوۋلېينىڭ ئۆتكەن ھەپتە سۇنغان قانۇن لايىھەسىدە، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش تەكىتلەنگەن.

خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى كېڭەش پالاتا ئەزاسى خاۋلېيغا ئېلخەت يېزىپ، ئۇنىڭ سۇنغان شى جىنپىڭغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىنى ئەيىبلىگەن.

جوش خاۋلېينىڭ قانۇن لايىھەسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئاخىرلاشقان 20-قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭ قائىدىنى بۇزۇپ، 3-نۆۋەت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارلىقىغا بېكىتىلگەن، شۇنداقلا ئۇنىڭغا سادىق كىشىلەردىن يېڭى سىياسىي بيۇرو دائىمىي كومىتېتى تەشكىللىگەن بىر ۋاقىتتا سۇنۇلغانىدى.

«ئوكسىئوس» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ 24-ئۆكتەبىر يوللىغان 800 سۆزلۈك خېتىدە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى غەزەپ بىلەن «تەكەببۇرلۇق ۋە پەسكەشلىك» دەپ ئەيىبلەنگەن.

خەۋەردە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ خېتى ئۇنىڭ ئامېرىكانىڭ ئېمبارگوسىغا قانچىلىك سەزگۈر ئىكەنلىكىنى نامايان قىلغانلىقى، شۇنداقلا بۇ قانۇن لايىھەسى ئەگەر كېلەر ئايدىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدا جۇمھۇرىيەتچىلەر دۆلەت مەجلىسىنى كونترول قىلسا، ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا يېڭى جىددىيچىلىكنىڭ شەپىسىنى بېرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

«ئ‍وكسىئوس» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى خېتىدە، جوش خاۋلېينىڭ خىتايغا قارشى سوغۇق ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە ئىدېئولوگىيەلىك بىر تەرەپلىمىلىكتىن ۋاز كېچىپ، خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ سىياسىتىگە توغرا قارىشى»، بۇ قانۇننى توختىتىشى، خىتاي كومپارتىيەسى ۋە خىتاي رەھبەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان.