شى جىنپىڭنىڭ ئولىمپىك مەيدانلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى دىققەت قوزغىدى

يېقىنقى مەزگىللەردە ئىزچىل خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى قىزىق نۇقتىلاردىن بولۇپ كەلگەن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق ۋە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە نامايىشلىرىنىڭ باستۇرۇلۇشى بىلەن باراۋەر تىلغا ئېلىنىپ كەلگەنىدى. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىشقا بىر ئاي قالغاندا خېبېي ئۆلكىسىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەيدانلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى ھەرقايسى ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

«بلومبېرگ خەۋەرلىرى»، «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتى قاتارلىقلارنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭ ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى مۇسابىقە نۇقتىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە تەنھەرىكەتچىلەرگە «قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭلارغا تىلەكداشمەن» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان. ئەمما بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىردەك ئۆتكەنكى ۋاقىتلارنىڭ ئەكسىچە ئېغىزلىرىغا قوشلاپ ماسكا تاقىۋالغان بولسىمۇ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ خىتايدىكى تاجسىمان ۋىرۇسى يامراۋاتقان مەركىزىي ئورۇنلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، ۋىرۇسنى كونترول قىلىشنىڭ مەغلۇپ بولۇۋاتقانلىقى دېگەنلەر ھەققىدە بىر ئ‍ېغىزمۇ سۆز قىلمىغان.

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل «ۋىرۇس نىسبىتىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» ھەققىدە ۋەزخانلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، 4-يانۋاردىن باشلاپ بېيجىڭ شەھىرىگە 600 كىلومېتىرچە كېلىدىغان جايدىكى يۈجۇ شەھىرى پۈتۈنلەي قامالغا ئېلىنغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بىر مىليوندىن كۆپرەك نوپۇسى بولغان يۈجۇ شەھىرىدە ئۈچ نەپەر ۋىرۇس گۇماندارى بايقالغانلىقتىن بۇ تەدبىر ئېلىنغانىكەن. بۇنىڭ بىلەن يۈجۇ شەھىرى 13 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە شىئەن شەھىرى قامال قىلىنغاندىن كېيىنكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر بولۇپ قالغان.

خىتايدىكى تاجسىمان ۋىرۇسىدىن باشقا خەلقئارادىكى ھەر ساھە پائالىيەتچىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشى، جازا لاگېرلىرىنىڭ كېڭىيىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەققىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ يىرىكلىشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنىڭ بىر چوڭ ئىپادىسى بولۇپ قالغانىدى. مۇشۇنداق تۈرلۈك رېئاللىق ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بۇ قېتىمقى ئولىمپىك مۇسابىقىسى بىر قېتىملىق ئاددىي، بىخەتەر ۋە دەبدەبىلىك مۇسابىقە بولغۇسى» دېگەن شوئارنى تەكرارلىشى تۈرلۈك گۇمانلارنى پەيدا قىلماقتىكەن.