جورجى سوروس: «شى جىنپىڭ ئەركىن دۇنيانىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنى»

ئامېرىكىلىق مىلياردېر ۋە ئاتاقلىق ساخاۋەتچى جورجى سوروس 24‏-يانۋار «دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى» نىڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان شۋېتسارىيەنىڭ داۋۇس شەھىرىدە نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىبلەش ئارقىلىق جەمئىيەتنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان، «ئەركىن دۇنيانىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

جورجى سوروس داۋۇستا بۇ سۆزلەرنى قىلغان دەل شۇ كۈنى خىتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن نۇتۇق سۆزلەپ، يەرشارىلىشىش، ئەركىن سودا ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن ئىدى

جورجى سوروسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «خىتاي دۇنيادىكى بىردىنبىر ئىستىبدات ھاكىمىيەت بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ باي، ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ ئىلغار تېخنولوگىيەگە ئىگە دۆلەت» ئىكەن. ۋېنگىرىيەدە تۇغۇلغان ۋە 2‏-دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ جازا لاگېرلىرىدىن ھايات قالغان مەزكۇر ساخاۋەتچى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىقتىسادى ۋە تېخنولوگىيە كۈچى «شى جىنپىڭنى ئوچۇق جەمئىيەتلەرنىڭ ئەڭ خەتەرلىك رەقىبىگە ئايلاندۇرغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. جورجى سوروسنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ خۇئاۋېي، جوڭشىڭ شىركەتلىرىدەك خىتاينىلا ئويلايدىغان كارخانىلارغا قاتتىق زەربە بېرىشى كېرەك ئىكەن.

ئۇ ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئەگەر بۇ شىركەتلەر 5‏‏-گ تېخنىكىسىنىڭ بازىرىنى ئىگىلىۋالسا، ئۇ پۈتۈن دۇنياغا قوبۇل قىلغۇسىز بىخەتەرلىك تەھدىتى پەيدا قىلىدۇ» دېگەن. جورجى سوروسنىڭ سۆزى چەتئەل تاراتقۇلىرىدا كەڭ خەۋەر قىلىندى. ئۇنىڭ سۆزى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. خىتاي تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۋا چۈنيىڭ 25‏-يانۋار كۈنى ئۇنىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ئۇنىڭ سۆزى ئاق-قارا ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن مەنىسىز بايانات. باھا بېرىشكە ئەرزىمەيدۇ» دېگەن. لېكىن جورجى سوروس بۇ سۆزلەرنى غەرب ئەللىرىدە خىتاينىڭ خۇئاۋېي، جوڭشىڭ شىركەتلىرىدەك يۇقىرى تېخنىكىلىق كارخانىلىرىغا قارىتا كۈچلۈك گۇمان پەيدا بولغان بىر مەزگىلدە قىلدى.