بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر دىپلوماتى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇش پىلانىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارا قىلغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «جۇڭگو كۈندىلىكى» گېزىتى خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەينىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ ھەقتە سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ھالبۇكى، خەۋەردە شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىلنىڭ قايسى ئېيىدا ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنىڭ تېخى بېكىتىلمىگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ مەسلىھەتچىسى سۇزان رايس ئۆتكەن جۈمە كۈنى بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ يىل خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنى دۆلەت زىيارىتىگە تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شى جىنپىڭ ئىلگىرى ئىككى قېتىم ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارراك ئوباما بىلەن ئۇچراشقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىملىقى ئۇنىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان بىرىنچى قېتىم ئامېرىكىدا رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى ھېسابلىنىدىكەن.