ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيى: خىتاي دۆلەت رەئىسىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتىنى بىكار قىلىش لايىھەسى ئۈمىدىمىزنى سۇغا چىلاشتۇردى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.02.26

خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسىنىڭ ئاساسى قانۇندىكى ۋەزىپە مۇددەت چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسىگە قارىتا ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىك سارىيى ئىنكاس قايتۇردى.

ئەركىنلىك سارىيى بۈگۈن ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى؛ «دۆلەت رەئىسىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىشى، بىزگە، خىتايدا بۇنىڭدىن كېيىن خەلققە قارىتا بېسىمنىڭ تېخىمۇ ئاشىدىغانلىقى، ھاكىمىيەتنىڭ دىكتاتورىلىقتا تېخىمۇ ئىلگىرىلەيدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ».

بۇ لايىھىنىڭ خوڭكوڭ ۋە تەيۋەندىكى دېموكراتىك ھاۋاغا قارىتا بىر شۇم خەۋەر ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، خىتاينىڭ دۇنيانىڭ تەرتىپىنى ئۆزگەرتىش، يەنى دېموكراتىك قائىدىلەر يوقالغان ياكى ئاجىزلاشقان بىر دۇنيا بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنۇشىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىش ۋە كېڭىيىش خەۋپى تىلغا ئېلىندى. ئەركىنلىك سارىيىنىڭ پرېزىدېنتى مايكىل ئابروموۋتىز بۇ ھەقتىكى بايانىدا: «ئامېرىكا بۈگۈنگە قەدەر خىتاي قۇدرەت تاپسا، دېموكراتىك ئۆزگىرىش تەبىئىي ھالدا يۈز بېرىدۇ، دەپ قاراپ ۋە ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن؛ مەزكۇر لايىھە بۇ ئۈمىدنى پۈتۈنلەي سۇغا چىلاشتۇردى».

ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيى دۇنيادىكى دېموكراتىك تەرەققىياتلارنى كۆزىتىش ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان خەلقئارالىق بىر تەشكىلاتتۇر. 1941-يىلى قۇرۇلغان بۇ تەشكىلات نۆۋەتتە دۇنيادا 2 يېرىم مىليارد ئىنساننىڭ ئەركىنلىكتىن مەھرۇم ياشاۋاتقانلىقى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.