شى جىنپىڭ ئۈچىنچى قېتىم خىتاينىڭ رەئىسى بولدى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2023.03.10

3-ئاينىڭ 9-كۈنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 14-نۆۋەتلىك ۋەكىللىرى يىغىنىدا خىتاينىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق دۆلەت رەئىسى ۋە خىتاي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا «شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلاندى» دېيىلگەن. «ئامېرىكا ئاۋازى» تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشچە، خىتاي كومپارتىيەسى تاللىغان 2952 ۋەكىلنىڭ بۇ يىغىندا تولۇق ئاۋاز بېرىشى، بىرمۇ قارشى ئاۋازنىڭ چىقماسلىقى شەرت ئىكەن. يەنە كېلىپ بۇ «سايلام» دا شى جىنپىڭدىن باشقا بىرمۇ نامزات يوق ئىكەن.

«ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2012-يىل خىتاينىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان ۋە رەقىبلىرىنى بىر-بىرلەپ مەغلۇب قىلغان شى جىنپىڭ ھازىر خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا مۇتلەق نوپۇزغا ئىگە شەخس بولۇپ، شەكىلۋازلىق بىلەن تولغان بۇ قۇرۇلتايدا قايتا رەئىس بولۇپ سايلىنىشى نورمال ئەھۋال ئىكەن.

شى جىنپىڭ يەنە بۇ يىغىندا 2 مىليون خىتاي ئەسكىرىگە قوماندانلىق قىلىدىغان ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە «سايلانغان» بولۇپ، ھەربىي كومىتېت ئەمەلىيەتتە دۆلەتكە ئەمەس، پارتىيەگە قارايدىكەن.

«فرانسىيە ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 69 ياشقا كىرگەن شى جىنپىڭ، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ ئىككى قارارلىق ۋەزىپە ئۆتەش چەكلىمىسىنى ئاللىقاچان بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆمۈرلۈك ھوقۇق تۇتۇش يولىنى ھازىرلىغان بولۇپ، باشقا رەقىبلىرى چىقمىغان ئەھۋالدا ئۇ يەنە 70 نەچچە ياشقا كىرگىچە خىتاينى كونترول قىلىپ تۇرىدىكەن.

شى جىنپىڭ بۇ ۋەكىللەر يىغىنىدا ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرىنىڭ خىتاينى قىسماققا ئالغانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ تەرەققىياتىغا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينى بۇ پالاكەتلەردىن ئامان-ئېسەن ئۆتكۈزىدىغان شەخسنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.

«فرانسىيە رادىيوسى» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرى 8-مارت كۈنى دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان بىر دوكلاتتا، ئۈچىنچى قېتىم رەئىس بولغان شى جىنپىڭنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا تەيۋەننى بېسىۋېلىشقا ھەمدە ئامېرىكانىڭ تەسىرىنى ئاجىزلىتىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىنلىكى كۆرسىتىلگەن. ھالبۇكى، شى جىنپىڭنىڭ ئالدىدا ئۇ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن كىرزىسلار، يەنى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چۆكۈشى، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى، ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ يامانلىشىشى، ھالقىلىق تېخنىكىدا ئاجىزلىقى، تەيۋەن مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى قاتارلىقلار بار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.