پرېزىدېنت ئوباما 7-ئىيۇن شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە تور بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ
2013.05.29
ئاقساراينىڭ بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت ئوباما 7-ئىيۇن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كالىفورنىيە شتاتىنىڭ رانچو مىراج بازىرىدا كۆرۈشكەندە تور جاسۇسلۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئاقساراي باياناتچىسى جېي كارنېي تۈنۈگۈن كېچە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە مەلۇمات بېرىپ، تور مەسىلىسى ئامېرىكا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاچقۇچلۇق مەسىلە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ھەرقانداق سەۋىيىدىكى ئامېرىكا-خىتاي سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ مەسىلە پرېزىدېنت ۋە رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ باشلىرى كۆرۈشكەندە مۇزاكىرە قىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكى مۇقەررەر، دەپ كۆرسەتتى. بىراق ئۇ «ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان خەۋىرىگە باھا بېرىشنى رەت قىلدى.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» خىتاي تور بۇزغۇنلىرىنىڭ ئامېرىكا تور سىستېمىسىغا كىرىپ، نۇرغۇن قورال-ياراق سخىمىلىرىنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» نىڭ ئامېرىكا مۇداپىئە پەن-تېخنىكا كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ۋەتەنپەرۋەر ناملىق ئىلغار تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قالقان ناملىق بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى، F/A-18 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى، بۈركۈت ناملىق ھەربىي تىك ئۇچار ۋە F-35 بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلانى قاتارلىق قوراللارنىڭ ئىسخىمىسى ئوغرىلاپ كېتىلگەن. لېكىن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تور ئوغرىلىق ۋەقەسىنىڭ كۆپتۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جورجى لىتېل، بۇ ۋەقە ئامېرىكانىڭ كۈچ ۋە پەن-تېخنىكا جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، دېگەن قاراش توغرا ئەمەس، دېگەن.