خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ لاسادا تۇيۇقسىز زىيارەتتە بولغانلىقى ئاشكارىلانغان

رادىيومىزنىڭ ئىگىلىشى ۋە بىر قانچە مەنبەلەردىن دەلىللىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۈگۈن، يەنى 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى تىبەتنىڭ مەركىزى لاسادا تۇيۇقسىز زىيارەتتە بولغان.

دەرۋەقە، بۇ زىيارەتتىن بىر كۈن ئاۋال دائىرىلەر لاسادىكى پوتالا ئوردىسىنىڭ 22-ئىيۇل تاقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىكەن، بۇندىن باشقا لاسادا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە لەگلەكلەرنى ئۇچۇرۇشقا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇشلار چىقىرىلغان ئىكەن.

7-ئاينىڭ 22-كۈنى لاسادا كوچىغا چىقىش چەكلەنگەن ۋە زاۋۇتلار تاقالغان، بىراق خىتايدىكى تاراتقۇلاردا شى جىنپىڭنىڭ لاسادىكى زىيارىتى ھەققىدە تېخىچە خەۋەر تارقىتىلمىغان. ئەمما رادىيومىزنىڭ تىبەت بۆلۈمى شى جىنپىڭنىڭ لاسانى زىيارەت قىلىپ، كىشىلەرگە سالام بەرگەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ شى جىنپىڭنىڭ 2013-يىلى خىتاي دۆلەت رەئىسى بولغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم تىبەتنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇ 2011-يىلى مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسلىك سالاھىيىتى بىلەن تىبەتنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، ئەينى چاغدا تىبەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى دەل ھازىرقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى چېن چۈەنگو ئىدى.

سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى تېنزىن لېكشېي بۇ ھەقتىكى باياناتىدا شى جىنپىڭغا چاقىرىق قىلىپ: «شى جىنپىڭ تىبەت خەلقىنىڭ ھەقىقىي ئارزۇسىنى ئاڭلىشى كېرەك، بۇ دېگەنلىك دالاي لامانىڭ تىبەتكە بېرىشى ۋە تىبەت مەسىلىسىنىڭ ھەقىقىي ھەل قىلىنىشى دېمەكتۇر،» دېگەن.