ئىساك ستون فىش: «شى جىنپىڭنى ‹پرېزىدېنت› دەپ ئاتاشقا خاتىمە بېرەيلى!»

خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق، يەر شارى سىياسىي مەسىلىلىرى ۋە باشقا ساھەلەردە كۆپلەپ تەنقىدلەرگە ئۇچراۋاتقاندا «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى ئىساك ستون فىش ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى غەرب سىياسىيونلىرى بىلەن بىر قاتاردا «پرېزىدېنت» دەپ ئاتىشىنى «قەتئىي مۇۋاپىق ئەمەس» دەپ كۆرسەتتى.

ئاپتور بۇ مەسىلىنى تەكىتلەشتە «پرېزىدېنت» دېگەن ئاتالغۇنىڭ شى جىنپىڭ قوللىنىدىغان نام ئەمەسلىكىنى، ئۇنى «پرېزىدېنت» دەپ ئاتىغاندا بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ دىكتاتورىلىق خاراكتېرىنى قانۇنلاشتۇرغانغا باراۋەر بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسىدە پرېزىدېنتلىق قۇرۇلمىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ ئۈچ خىل ئاتاق نامى بار ئىكەن. ئۇنىڭ دەسلەپكى ئىككىسى، يەنى «خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى» ۋە «مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى» دېگەنلەر ھەرقاچان ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈپ تەشۋىق قىلىنىدۇ. «دۆلەت رەئىسى» دېگەن ئۈچىنچى نامدا ئارىلاپ-ئارىلاپ كۆزگە چېلىقىدۇ. ھالبۇكى، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى «دۆلەت رەئىسى» دېگەن بۇ ئاتاقنى غەرب دۇنياسىغا ھەرقاچان «پرېزىدېنت» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. ئەمما ئامېرىكادا ھېچكىم دونالد ترامپنى «ئامېرىكا رەئىسى دونالد ترامپ» دەپ چاقىرمىغىنىدەك خىتايدا ھېچكىم شى جىنپىڭنى «پرېزىدېنت (زوڭتوڭ) شى جىنپىڭ» دەپ چاقىرمايدۇ. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنگلىزچە «خەلق گېزىتى» ۋە «شىنخۇا ئاگېنتلىقى» ئارقىلىق تارقاتقان ئۇچۇرلىرىدا شى جىنپىڭنى «پرېزىدېنت» دەپ ئاتىۋالغانلىقتىن دۇنيا بانكىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئاقساراي قاتارلىق دۇنياۋى ئورۇنلارنىڭ باياناتلىرىدىمۇ شى جىنپىڭ «پرېزىدېنت» دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭدەك ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ مۇشۇ خىلدىكى خاتا ئاتاقنى كۆپ قېتىم قوللانغان. مەسىلەن، «پرېزىدېنت شى جىنپىڭ بىلەن كۆڭلىمىز يېقىن، ئەگەر ئۇ مۇنداق قىلمىسا مەن مۇنداق قىلىمەن» دېگەندەك جۈملىلەرنى ئۇ كۆپ قېتىم ئىشلەتكەن. ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «شەخسەن مەنمۇ مۇشۇ خىلدىكى خاتا ئاتاقنى كۆپ قېتىم ئىشلىتىپتىكەنمەن. ئەمدى بىز بۇنىڭغا خاتىمە بېرىشىمىز لازىم» دەيدۇ.

ئاپتور ئاخىرىدا بۇ خىلدىكى خاتا تەرجىمىنىڭ تولىمۇ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ «بۇ نام داۋاملىق مۇشۇنداق قوللىنىلسا ئاقىۋەتتە بېيجىڭنىڭ ئوخشاش بىر ھادىسىنى ئىككى خىل ۋاريانتتا چۈشەندۈرۈشىگە يول ئېچىپ بەرگەنلىك بولىدۇ» دەپ كۆرسىتىدۇ. يەنى خىتاي ئىچىدە «باش سېكرېتار» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ كىشى دىكتاتورىلىقنى داۋام قىلىۋەرسە، خەلقئارادا «پرېزىدېنت» دەپ تونۇلغان شى جىنپىڭ دۇنياۋى سورۇنلاردا يەرشارىلىشىش، ئېچىۋېتىش ۋە ئەركىن سودا دېگەندەك تېمىلاردا ۋەزخانلىق قىلالايدۇ. يەنە بىر ياقتىن ئۆزىنى «پرېزىدېنت» دەپ ئاتىۋالغان دىكتاتورلاردىن ۋىلادىمىر پۇتېنغا ئوخشاش كىشىلەر مۇشۇ ئاتاق ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دېموكراتىك ئەللەردىكىگە ئوخشاش ئاز بىر قىسىم ئۆكتىچىلەرنىڭ قارشىلىقىغا قارىتا مۇتلەق كۆپ خەلقنىڭ سايلىشى بىلەن ھوقۇقنى قولغا ئالغانلىقىنى ئىشارە قىلالايدۇ. خىتايدىن زور دەرىجىدە دېموكراتىك بولغان رۇسىيەنىڭ رەھبىرىنى «پرېزىدېنت» دەپ ئاتاش توغرا بولمىغان يەردە خىتايدەك دۇنيادىكى ئەڭ تىپىك دىكتاتورىلىق ئاساسىدىكى ھاكىمىيەتنىڭ رەھبىرىنى «پرېزىدېنت» دەپ ئاتاش تېخىمۇ توغرا بولمايدۇ.

ئىساك ستون فىش مۇشۇ ئەھۋاللارغا قاراپ «مېنىڭچە، بىز شى جىنپىڭنى ‹رەئىس› دەپ ئاتىساق ئەڭ مۇۋاپىق. چۈنكى خىتايدا ئۇنى شۇنداق ئاتايدۇ» دەپ كۆرسىتىدۇ ھەمدە دۇنيادىكى ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئىلگىرىكى ئاتاق خاتاسىنى ئوڭلاشقا چاقىرىدۇ.