خىتاي دېموكراتلىرى نيۇ-يوركتا نۆۋەتتىكى خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىلمىي مۇنازىرە ئۆتكۈزدى

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى باشلىنىش ئالدىدا ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم خىتاي دېموكراتلىرى نيۇ-يوركتا يېپىق يىغىن چاقىرىپ، نۆۋەتتىكى خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىلمىي مۇنازىرە ئۆتكۈزدى.

يىغىن 19- سېنتەبىر نيۇ-يورك شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جون مارچ يىغىن زالىدا ئېچىلدى.

يىغىنغا «خىتاي پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتى رەئىسى دوكتور ياڭ جيەنلى رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىن يېپىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان بولغاچقا، يىغىن ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەشكە مۇمكىن بولمىدى.

ھالبۇكى، يىغىن ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، يىغىندا يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەربىي پاراتتىن كېيىنكى ھەمدە شىنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىدىن ئاۋۋالقى خىتاي ۋەزىيىتى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە ئىلمىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

يىغىندا يەنە «چوڭ يولۋاس» تىن «چوڭ پارات» قىچە، ئىقتىسادتىن، ئېكولوگىيەگىچە، ئېتنىك توقۇنۇشتىن، تيەنجىندە يۈز بەرگەن چوڭ پارتلاشقىچىدە بولغان مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈلىدىكەن.

«شى جىنپىڭنىڭ پاراكەندە شاھمات تاختىسى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلاردىن سىياسىي پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەن تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى.