شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى داۋامىدا ئامېرىكا بىلەن خىتاي 6 چوڭ مەسىلە بويىچە سۆزلىشىدىكەن

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى داۋامىدا ئىككى تەرەپ 6 چوڭ مەسىلە بويىچە سۆزلىشىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئىككى تەرەپ سۆزلىشىدىغان 6 چوڭ مەسىلە ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئىقتىساد، كىشىلىك ھوقۇق ۋە شىمالىي كورېيە مەسىلىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇنىڭدا خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىگە قارىتىۋاتقان ئۈزلۈكسىز ھۇجۇمى ۋە تەھدىتى ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بىرىگە قويۇلغان.

مەلۇمكى، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان مىليونلىغان دۆلەت خادىملىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرى بىلەن ئارخىپلىرىنىڭ خىتاي ئىشپىيونلىرى تەرىپىدىن ئوغرىلىنىشى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان. خىتاي خاكېرلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت، ئاخبارات ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىنىڭ تور بەتلىرىگە يوشۇرۇنچە ھۇجۇم قىلىشىمۇ ئامېرىكا تەرەپنى چۆچۈتكەن.

ئۇندىن باشقا، ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە كىشىلىك ھوقۇق تېمىسىنىڭمۇ مۇھىم نۇقتا سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بولۇپمۇ خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغان سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغانلىقى مەلۇم.