ئاقساراي خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا دائىرىلىرى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكىغا قارىتىلغان ئىنتېرنېت ھۇجۇملىرى، سودا مەخپىيەتلىكى ئوغرىلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئۈستىدە كەسكىن سۆزلىشىدىكەن.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ پەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى ئامېرىكا پايتەختىدە ئىككى كۈنلۈك دۆلەت زىيارىتىدە بولىدۇ.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى بەن رودېس ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا قارىتىلغان ئوغرىلىقلارنى باستۇرۇش مەسىلىسىنىڭ سۆھبەتتىكى مەركىزىي تېمىلارنىڭ بىرى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئامېرىكىغا قارىتىلغان ئىنتېرنېت ھۇجۇملىرى، خىتاي خاككىر ۋە جاسۇسلارنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش قىلمىشلىرى ئامېرىكا خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم تېمىلاردىن ئىدى.
ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامامۇ خىتاينىڭ تور ھۇجۇملىرىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە بۇنى يېقىندا ئامېرىكا زىيارەتتە بولىدىغان خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئالدىغا قويىدىغانلىقىدىن شەپە بەرگەن ئىدى.