شى جىنپىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ھەسسىلەپ كۈچەيتمەكچىكەن

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى تورى 29-سېنتەبىر «شى جىنپىڭ ئىرقي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىۋاتىدۇ» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ ھېچنېمىگە قارىماي ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، خەلقئارانىڭ بۇنىڭغا يېتەرلىك ئىنكاس قايتۇرمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن ئۈچ يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشلاپ، مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنى لاگېرلارغا سولاپ، ئۇلارنى دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە، چوشقا گۆشى يېيىشكە، خىتاي كومپارتىيەسىنى كۈيلەپ شېئىر ئوقۇشقا مەجبۇرلىغان؛ ئۇيغۇر بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ، ياتاقلىق مەكتەپلەردە خىتايچە تەربىيەلىگەن ۋە ئاياللارنى تۇغماس قىلىپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىنى چەكلىگەن؛ ھەممە يەرگە كامېرا ئورنىتىپ، پۈتۈن خەلقنى تەقىب ئاستىغا ئالغان.

خىتاينىڭ بۇ جىنايىتى خەلقئاراغا ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرى ھۆكۈمەتلىرى ئۇنىڭغا قارشى ئىنكاس قايتۇرۇشقا باشلىغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن سودا ئۇرۇشى قوزغاپ خىتاي ئىقتىسادىغا زەربە بەرگەندىن باشقا يەنە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى سىياسىتى قانۇنى» نى ماقۇللاپ، خىتاي كومپارتىيىسى ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈپ، قۇل ئەمگەككە چېتىشلىق ماللارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى چەكلەپ، خىتايغا بۇ جىنايەتتىن قول ئۈزۈش توغرىلىق سىگنال بېرىپ كەلگەن. ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىپ ئىشلىتىشكە چېتىشلىق ماللارنى ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش توغرىلىق قانۇن لايىھىسى ماقۇللىغان.

ئەمما خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭغا بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى تەسىر قىلمىغان بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە ئېچىلغان «شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنى» دا: «ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، كومپارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى تۈزەش ئىستراتېگىيەسى پۈتۈنلەي توغرا» دېگەن ۋە تېخىمۇ كۆپ تەدبىر قوللىنىپ «خىتاينىڭ دۆلەت ئېڭىنى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش»، يەنى ئۇلارنى خىتايلاشۇرۇش بۇيرۇقى بەرگەن. بۇ شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىدىغانلىقىنىڭ ئالامىتى ئىكەن.

ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالدىنقى ھەپتە ئاشكارىلانغان ئىككى تۈرلۈك دوكلات شى جىنپىڭنىڭ بۇ قەبىھ پىلانىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىكەن. ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت تەتقىقات ئىنستىتۇتى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ سانلىق مەلۇمات قۇرۇلۇشى» دا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا ئون نەچچە يەرگە تۈرمىگە ئوخشايدىغان قۇرۇلۇش سېلىۋاتقان بولۇپ، 2019-يىلدىن بۇيان يېڭى سېلىنغان لاگېر 61 گە يەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرىلىرى قەشقەر ئەتراپىدا يېڭىدىن سېلىنغان چوڭ لاگېرنى بايقىغان بولۇپ، ئېگىز قورشالغان تامنىڭ ئىچىدە 13 بىنا بار ئىكەن، ھەر بىنا 5 قەۋەتلىك بولۇپ، تەخمىنەن 10 مىڭ ئادەم سىغىدىكەن. ئىككىنچى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلدىن بۇيان، 8500 مەسچىت چېقىۋېتىلگەن، 7500 مەسچىت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «شى جىنپىڭ ئۆزىنىڭ بۇ جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرۇش نىيىتىنى ئېنىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭغا بولغان ئىنكاسى يەنىلا تۆۋەن بولماقتا. مەسىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى پەقەت ئۇيغۇر رايونىغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشتەك ئاقماس بىر تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن باشقا ئىش قىلمىدى. ھالبۇكى، غەرب ئەللىرى بۇ جىنايەتكە چوقۇم بىرلىكتە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتايغا تېخىمۇ يۇقىرى بەدەل تۆلىتىشى كېرەك.»