شى جىنپىڭنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ماۋ زېدوڭدىن كېيىنكى «ئەڭ قەبىھ دىكتاتورىلىق» دەپ قارالماقتا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ لاگېرلارغا سولىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە دوكلاتلار ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى ھەمدە «ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى» گە چېتىشلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى جازالاشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەمما بەزى ئانالىزچىلار ئۇيغۇرلاردىن باشلانغان بۇ خىل مىللىي زۇلۇمنى ئىنسان ھەقلىرىنى ئاياق-ئاستى قىلىش دېگەندىن كۆرە ئەقەللىي ئەركىنلىككە قىلىنغان ھۇجۇم ۋە قەبىھ دىكتاتورىلىقنىڭ كېڭىيىشى، دەپ قاراشنىڭ تېخىمۇ توغرا بولىدىغانلىقىنى، ماھىيەتتە بۇنىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدىن قېلىشمايدىغان قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرمەكتە.

2-ئۆكتەبىر كۈنى «ئامېرىكا كونسېرۋاتىپلىرى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى مۇسۇلمان تۈركىي خەلق بولغىنى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئۈچۈن تەھدىت، دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن خىتايلاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلماقتا» دەپ كۆرسىتىلىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى زۇلۇم شەكلىنىڭ ھازىر پۈتۈن خىتاي مىقياسىغا كېڭىيىۋاتقانلىقىنى، خىتايدىكى مىليونلىغان خىتايلارغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئاياق-ئاستى قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، شى جىنپىڭ دەۋرىدىكى دىكتاتورىلىق باشلانغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇشنىڭ خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىن زور دەرىجىدە پەرقلىق بولۇۋاتقانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بېيجىڭدىكى مەلۇم يەسلىدە بالىلارغا سۆز قىلغان شى جىنپىڭ «ئۆسمۈرلەر سوتسىيالىزمنىڭ يادرولۇق قىممەت قاراشلىرىنى يۈرىكىگە ۋە مېڭىسىگە مۆھۈر بېسىلغاندەك ئورنىتىۋېلىشى لازىم» دېگەن. شۇ يوسۇندا خىتايدىكى بارلىق مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارغا «سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشى»نى سىياسىي ئۆگىنىشلەر ئارقىلىق سىڭدۈرىدىغان ماشىنىغا ئايلانغان. ھالبۇكى ئۇيغۇرلار دىيارىدا مىليونلىغان ئۇيغۇرلار لاگېرلارغا قامىلىپ، مەجبۇرىي يوسۇندا بۇ خىلدىكى «يادرولۇق قىممەت قاراشلىرى»نى ئۆگەنمەكتە ئىكەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر خىتايدا ئومۇملىشىۋاتقان رەقەملىك نازارەت سىستېمىسى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار دىيارىدىلا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي تەۋەسىدىكى ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ ھەرقاچان قولغا ئېلىنىش ياكى تۇتقۇن قىلىنىش ئېھتىماللىقى رېئاللىققا ئايلانغان.

ئەڭ يېڭى كامېرالىق نازارەت تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق ھەرىكىتى ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇش ئەمەلگە ئاشقان. بولۇپمۇ شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن «پىكىر جىنايىتى» ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى بولغان.

بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا كىشىلەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تېمىلار بويىچە ئانچە-مۇنچە خۇپىيانە پاراڭلىشىشىغا تولۇق خاتىمە بېرىلىپ، بۇ خىل پىكىرگە چېتىلغانلار جىنايەتچىگە ئايلىنىشقا باشلىغان. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەنئى قىلىنغان تېمىلار ۋە ئاتالغۇلارنى بېكىتىشى، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كۆپلىگەن نورمال مەزمۇنلارنىڭ جىنايەتكە سەۋەب بولۇپ قېلىشى سەۋەبلىك پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتى بىر ئورتاق قورقۇنچ ئىچىدە ياشىماقتا ئىكەن.

ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ: «شىنجاڭدىكى ئىنساننىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان بۇ خىل دەپسەندىچىلىك ئەمەلىيەتتە ماۋ زېدوڭ دەۋرىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئەڭ قەبىھ دىكتاتورىلىقنىڭ بىر تىپىك مىسالىدۇر» دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ 2012-يىلىدىن بۇيان بارغانسېرى شىمالىي كورېيەگە ئوخشاپ قېلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ خىل ئەركىنلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە قارشى بىر ئىستراتېگىيەنى تېپىشنىڭ زۆرۈر بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.