خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى باشلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەت خىتاينىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى بولىدىغانلىقى مۇقىملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، دۇنياۋىي تاراتقۇلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى خىتايغا مەركەزلەشمەكتە.
CNN نىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزور ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ خىتايدىكى ئاساسىي قانۇن ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسىنى ئۆز خاھىشىغا ماس كەلتۈرۈپ ئۆزگەرتىشى، ماھىيەتتە خىتاينىڭ ھاكىممۇتلەقلىقنىڭ يۇقۇرى پەللىسىگە قاراپ مېڭىشىدىكى بىر مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇپ قالغان. يەنە كېلىپ شى جىنپىڭ ئۆتكەن ئون يىل ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇش جەريانىدا ئۆزىگە قارشى مەيدانغا مەنسۇپ، دەپ قارالغان مىنىستىر ۋە نازىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىردىن نەچچە مىڭ كىشىنى «چىرىكلىك ۋە پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش» باھانىسىدا تازىلاپ چىققان. ئەمدىلىكتە شى جىنپىڭ ئۈچىنچى قېتىم خىتاينىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى بولۇپ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىش ئارقىلىق، ئىچكىي جەھەتتىكى سىياسىي مۇقىملىق ئاساسىدا تاشقىي جەھەتتىكى كېڭەيمىچىلىكنى يۇقۇرى پەللىگە چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئۈچۈن بىر يېڭى تەھدىتنىڭ خىرىسلىرى بارغانسېرى روشەنلەشمەكتە ئىكەن.
«سىياسەت» گېزىتىنىڭ 18-ئۆكتەبىردىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ بۇ قېتىملىق قۇرۇلتايدا سۆزلىگەن سۆزىدە «خىتاينىڭ قايتا قۇدرەت تېپىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش»، «تاشقىي كۈچلەرنىڭ ئاغدۇرمىچىلىقىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش»، «دۈشمەن كۈچلەرنىڭ قول تىقىشى، سىڭىپ كىرىشى ۋە بۆلگۈنچىلىككە قۇترىتىشى قاتارلىق ھەركەتلىرىنى بىت-چىت قىلىپ تاشلاش» دېگەنلەرنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. گەرچە شى جىنپىڭ سۆزىدە بىرەر كونكىرېت دۆلەتنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپ قىسىم ئانالىزچىلار ئۇنىڭ كۆزدە تۇتقىنى ئامېرىكا ئىكەنلىكىنى تەخمىن قىلغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق ياردەمچى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى دەننىي رۇسسېل (Danny Russel) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «شى جىنپىڭنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرى ماھىيەتتە ئۇ قايتىدىن رەئىسلىك ئورنىغا چىققاندىن كېيىن قىلماقچى بولغان ئىشلىرىدۇر. ئۇ مۇشۇ سۆزلەرنى قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ داۋاملىق رەئىس بولۇشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي خەلقى ساداقەت ۋە قۇربان بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنى قوللىشى لازىملىقىنى ئىشارە قىلغان» دېگەن.
نۆۋەتتە دۇنيا ئاخباراتلىرىدا بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزە ۋە ئوبزورلار كۆپلەپ ئېلان قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا شى جىنپىڭنىڭ رەسمىي ھالدا ئۈچىنچى نۆۋەت رەئىس بولۇپ «سايلىنىشى»، دۇنيا ۋە خىتاي ئۈچۈن ئوخشاشلا يېڭى بالايى-ئاپەتلەردىن بىشارەت ئىكەنلىكى ئالغا سۈرۈلمەكتە.