خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيى 22-ئۆكتەبىر كۈنى ئاياغلاشتى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىككى قاراردىن ئارتۇق باش سېكرىتار بولماسلىق قائىدىسىنى بۇزۇپ، 3-قېتىم باش سېكرىتار بولدى.
بۇ قۇرۇلتايدا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزلىرى، ھەيئەت ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرى «سايلاپ چىقىلغان» بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شى جىنپىڭنىڭ ئادەملىرىدىن تەشكىل تاپقان.
خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سابىق باش سېكرىتارى خۇ جىنتاۋنىڭ تەرەپدارلىرى دەپ قارالغان لى كېچىياڭ، ۋاڭ ياڭ، خۇ چۈنخۇا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىردەك سىياسىي بيورۇدىن چىقىرىۋېتىلگەن. خۇ جىنتاۋنىڭ ئۆزىمۇ قۇرۇلتاينىڭ ئاخىرىقى مەيداندىكى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك ئەزالىرىنى ئېلان قىلىش ئەسناسىدا يىغىن مەيدانىدىن سۆرەپ ئېلىپ كېتىلگەن.
شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ باش سېكرىتارى، شاڭخەينى قامال قىلىشتا تۆھپە قوشقان لى چىياڭ بىلەن بېيجىڭدىكى تۆۋەن كىرىملىك پۇقرالارنى ھەيدەپ چىقارغان سەي چى قاتارلىقلار سىياسىي بيورونىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى بولغان.
چەت ئەل تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىم ئۆزىگە سادىق ئادەملىرىنى توپلاپ، ئۆز ھوقۇقىنى تېخىمۇ چوڭايتىپ، تارىختىكى ئەڭ چوڭ مۇستەبىت ستالىن ۋە ماۋ زېدۇڭنىڭ يولىنى تۇتۇپ، خىتاينى زاۋاللىق يولىغا باشلاۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
«نيو-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ بۇ قۇرۇلتايدا «ئىككى قاراردىن ئارتۇق ۋەزىپە ئۆتىمەسلىك» قائىدىسىنى بۇزغاندىن باشقا، «68 ياشتا ئىككىنچى سەپكە چېكىنىش» قائىدىسىنىمۇ بۇزغان بولۇپ، 67 ياشلىق لى كېچىياڭنى سىياسىي بىيورودىن چىقىرىۋېتىپ، 72 ياشلىق ھەربىي ئەمەلدار جاڭ يوشيانى سىياسىي بيورونىڭ ئەزاسى قىلىپ ساقلاپ قالغان. ياۋرو-ئاسىيا سىياسىي تەتقىقات مەركىزى خىتاي سىياسىتى ئانالىزچىسى نىل توماسنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھازىر شى جىنپىڭنىڭ ھوقۇقى مۇتلەق كېڭەيگەن بىر دەۋرگە كىرگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ بۇنىڭدىن كېيىن سىياسىي كونتروللۇقنى كۈچەيتىدىكەن، دۆلەت ئىقتىسادىنى مونوپۇل قىلىدىكەن، دىپلوماتىيەدە قاتتىق سىياسەت قوللىنىدىكەن.
«بلومبېرگ» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە تەھلىل قىلىنىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ خىتايدا مۇتلەق ھۆكۈمدار بولۇشى، نوپۇسى ئەڭ كۆپ بىر دۆلەتنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشى ۋە كەلگۈسىدىكى دۇنيانىڭ مالىمان بولۇش خەۋپىنى كۈچەيتىدىكەن.