ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما جۈمە كۈنى ئەتىگەن ئاق ساراينىڭ باغچىسىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى. ھەر ئىككى دۆلەت رەھبىرى مۇراسىمدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئىختىلاپلارنى بۇ قېتىم ئېغىر بېسىقلىق بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پرېزىدېنت ئوباما نۇتقىدا، مۇقىم، گۈللەنگەن ۋە تىنچ بىر جۇڭگونىڭ باش كۆتۈرۈشىنى قارشى ئالىدىغانلىقى، چۈنكى بۇ ھەر كىم ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى ئامېرىكا-جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق تارىخىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.
بىراق ئوباما بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن تور جاسۇسلۇق ھەرىكىتى، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئېغىر بېسىقلىق بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئىككى رەھبەر پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئاق سارايدىكى ئىشخانىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. بۇ يەردە پرېزىدېنت ئوباما خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.
ئىككى رەھبەر سۆھبەتتىن كېيىن چاقىرغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئوباما، «مەن بىزنىڭ ژۇرنالىستلارنى، ئادۋوكاتلارنى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ئەركىن ھەرىكەت قىلىشتىن توسۇش ياكى چېركاۋلارنى تاقاش، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشنى رەت قىلىشقا بولغان كۈچلۈك قارىشىمىزنى سەمىمىي ئوتتۇرىغا قويدۇم» دېدى.