پرېزىدېنت ئوباما خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا خىتاينىڭ مەسىلىلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەنقىد قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: مەن بىزنىڭ ژۇرنالىست، ئادۋوكات، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى پائالىيەت قىلىشتىن توسۇش، چېركاۋلارنى تاقاش ھەمدە ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەرگە باراۋەر مۇئامىلە قىلماسلىقنى ئېغىر مەسىلە دەپ قارايدىغانلىقىمىزنى سەمىمىي ئىپادىلىدىم.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: مەن ئامېرىكىنىڭ يىغىلىش ئەركىنلىكى، ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق، بارلىق خەلقلەرنىڭ نېگىزلىك ئەركىنلىكىنى قوللاشتا مەيدانى قەتئىي ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردۈم.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭمۇ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئىسلاھاتنىڭ ئۆز ۋاقتى سائىتىدە كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ «دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئوخشىمايدىغان تارىخ ۋە پەرقلىق رېئاللىققا ئىگە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت كونا دىپلوماتىك بايانلارنى قايتا تەكرارلاپ مەسىلىنىڭ نېگىزىدىن ئۆزىنى قاچۇردى.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 24 ۋە 25- سېنتەبىر ئامېرىكا پايتەختىدە زىيارەتتە بولغان. ئۇنىڭ زىيارىتى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتاي دېموكراتلىرى قاتارلىق ئۆكتىچى تەشكىلاتلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلگەن ئىدى.