شى جىنپىڭنىڭ موسكۋاغا زىيارەتكە بارىدىغانلىقى زور غۇلغۇلا قوزغىدى

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا موسكۋاغا زىيارەتكە بارىدىغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك مۇلاھىزە ۋە غۇلغۇلا كەڭ يەر ئېلىشقا باشلىدى.

«ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 21-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا ئاكتىپ رول ئويناش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىم شى جىنپىڭ موسكۋادا روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇچراشقاندا مۇشۇ تېما بويىچە سۆزلىشىدىغانلىقى ھەققىدە بىر قىسىم پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىققان. ئەمما غەرب دۇنياسى بۇ خەۋەرلەردىن بەكمۇ گۇماندا بولۇۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە خىتاي دىپلوماتىيەسىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق شەخس ۋاڭ يىنىڭ «ميۇنخېن خەۋپسىزلىك مەجلىسى» دىكى ئىپادىسىنى تىلغا ئالغان. شۇ قېتىم ۋاڭ يى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ «خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى قىيا تاشتەك مۇستەھكەم بولۇپ، خەلقئارا ۋەزىيەتتە كۆرۈلگەن ھەرقانداق ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدۇ» دېگەن.

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيە قوزغىغان ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىش ھەركىتىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاۋاتقانلىقى كۆپ تەرەپلىمە ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇۋاتقان بولۇپ، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بۇ ھال «ئۇكرائىنا ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ خەتەرلىك تەرەپكە بۇرىۋېتىشى مۇمكىن» دەپ يەكۈنلىنىدۇ. چۈنكى رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بۇ قېتىم موسكۋاغا زىيارەتكە كەلگەن ۋاڭ يى بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولغاندا ئېنىق قىلىپ «شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە يېڭى جەڭگاھ يارىتىدۇ» دېگەن. شۇنىڭدەك ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ پات يېقىندا 200 مىلياردا ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ ئېنىق زىيارەت ۋاقتى ھازىرچە نامەلۇم بولۇپ، بەلكىم ئاپرىل ياكى ماي ئايلىرىدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.