«مۇھاپىزەتچى» گېزىتى:«شى جىنپىڭ بەلكىم ۋابادىن ئۆتەلمەسلىكى مۇمكىن!»

خىتاي ھۆكۈمىتى تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگە قەدەر ئۆزلىرى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىجرا قىلىپ كەلگەن «ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتىنى سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ، شۇنىڭدەك خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قانداق «ئەۋزەل» ۋە«دانا» ئىكەنلىكىگە ئىسپات قىلىپ كەلگەنىدى. ئەمما خىتايدىكى ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان رېئاللىق خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى «بىز تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق بىلەن ۋىرۇسقا قارشى بىر مەيدان كەسكىن كۈرەشكە تەييارلىنىشىمىز لازىم» دېيىشكە مەجبۇر قىلدى. ئەنگلىيەدىكى «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى بۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئابرويىلا ئەمەس، دۇنيا ئالدىدىكى ئوبرازىمۇ مۇشۇ قېتىملىق ۋىرۇس ۋاباسىدا ھالاك بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.

ئىسابېل خىلتون (Isabel Hilton) ئىمزاسىدا 1-يانۋار كۈنى ئېلان قىلىنغان ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە تۈرلۈك ئۇچۇر يوللىرىدىن ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن مەلۇم بولۇۋاتقان خەۋەرلەر خىتايدىكى ۋىرۇس ۋاباسىنىڭ قانچىلىك دەھشەتلىك بولۇۋاتقانلىقىنى نامايان قىلماقتا ئىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ۋىرۇستىن كېلىپ چىققان ئۆلۈم سانىنى، بىر قىسىم يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۆسەك سۆز تارقىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشكە ئۆتكەن. شۇنىڭدەك ۋىرۇس ۋاباسىنىڭ قايتا يامرىشى مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە ئېغىرراق زۇكامدىن پەرق قىلمايدىغان ھادىسە ئىكەنلىكىنى، خىتاي تېبابىتىنىڭ بۇنى داۋالاپ كېتەلەيدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تىلغا ئالغان. بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئۈچ يىل ئىلگىرى ۋىرۇس ۋاباسى باشلانغان مەزگىللەردىكى «ھەممە ئىشلار ياخشى مېڭىۋاتىدۇ» دېگەندەك يالغانلىرىدىن قىلچە پەرق قىلمايدىكەن.

ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، گەرچە خىتاي خەلقى «كومپارتىيە ئاقنى <قارا> دېسە شۇنىڭغا ئىشىنىش» كە ئادەتلەنگەن بولسىمۇ ئۆتكەن ئۈچ يىللىق قامالدا ئۈنۈملۈك ۋاكسىنا بارلىققا كەلمەسلىك، تەشۋىقات بىلەن رېئاللىق ئارىسىدىكى غايەت زور پەرق دېگەنلەر خىتاي خەلقىنىڭ تاقىتىنى بىر يەرگە ئاپارغان. ئەنە شۇ سەۋەبتىن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن خىتاي مىقياسىدا ھۆكۈمەتنىڭ ۋابانى كونترول قىلىش سىياسىتىگە قارشى نامايىشلار ئوتتۇرىغا چىققان. ئەمدىلىكتە بولسا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دورا ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولغان خىتايدىكى دورىخانىلاردا زۇكام دورىسىنىڭمۇ قالمىغانلىقى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ قايسى دەرىجىدە خەلقنى ئالداپ كېلىۋاتقانلىقىنى بەكمۇ روشەن كۆرسىتىپ بەرگەن. ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «بۇلارنىڭ ھەممىسى شى جىنپىڭنىڭ خىتايدا ياكى دۇنيا ئالدىدا ھېچقانچە ئابرۇيى قالمىغانلىقىنى، بۇ ئابروينى قايتا تىكلەشنىڭمۇ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ» دەيدۇ.