«بلومبېرگ» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە دۆلەت باشلىقلىرىنى 11-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتلەشمەكچى بولغان. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ئىسپانىيە دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ھېچقايسىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە جاۋاب بەرمىگەن، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.
ئەگەر بېيجىڭدىكى بۇ يىغىننىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى راست بولسا، ئۇ 11-ئاينىڭ 15-، 16-كۈنلىرى ھېندۇنېزىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «20 دۆلەت باشلىقلىرى» يىغىنى مەزگىلىگە توغرا كېلىدىكەن، شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنلا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىن بولىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2020-يىل كورونا ۋىرۇسى يامرىغاندىن كېيىن شى جىنپىڭ چەت ئەللەرگە ئاساسەن زىيارەتكە چىقىپ باقمىغان. 2022-يىل 2-ئايدا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىننى كۈتۈۋالغاندىن باشقا، غەرب دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ باقمىغان. ئۇنىڭ 11-ئايدا ياۋروپا دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن ئايرىم كۆرۈشمەكچى بولۇشى بىر ياقتىن ئۇنىڭ 20-قۇرۇلتايدىن كېيىن قايتا سايلىنىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىنى كۆرسەتسە، يەنە بىر ياقتىن غەرب دۆلەتلىرى بىلەن «شەخسىي دىپلوماتىيە» ئېلىپ بېرىش غەرىزىنى كۆرسىتىدىكەن.
خىتاي تەرەپ شى جىنپىڭنىڭ ياۋروپا دۆلەت رەھبەرلىرىنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان. تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجىيەن «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» دا چىققان بۇ خەۋەرنى يالغانغا چىقارغان.
بلومبېرگ تورىدا چىققان بۇ خەۋەردە تەھلىل قىلىنىشىچە، خىتاي بىر مەزگىل ياۋروپادىن ئامېرىكاغا قارشى تۇرۇشتا پايدىلانماقچى بولغان، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلەپ، خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالىغاندىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى يامانلىشىپ كەتكەن، خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا كېلىشىمىمۇ سۇغا چىلاشقان.