شىئەن شەھىرىدىكى تاڭ سۇلالىسى خان جەمەتىگە ئائىت قەبرىدىن 8 - ئەسىرگە ئائىت ئۇيغۇر ئورخۇن قاغانلىقىنىڭ شاھزادىسى قورۇچۇر تېكىننىڭ قەبرە تېشى تېپىلغاندىن كېيىن، بۇ ساھەدىكى تەتقىقات كۈچەيدى. قەبرە تېشىدىكى تۈرك رۇنىك يېزىقىدىكى تېكىستنى ئۇيغۇر ئالىملىرى ئالدى بىلەن ئوقۇپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولدى.
گېرمانىيىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئابلەت سەمەت بۇ تېكىستنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، تۈركىيە ئالىملىرىدىن ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى مۇتەخەسسىسى پروف. در. سەما بارۇتجۇ ئۆزۆندەر خانىم بىلەن ھاجى تەپپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، قەدىمقى تۈرك تارىخى مۇتەخەسسىسى در. ئەركىن ئەكرەم بىرلىكتە ئوقۇپ چىقتى. مەزكۇر ئىككى مۇتەخەسسىس ئۆز نەتىجىلىرىنى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ «ھازىرقى زامان تۈركولوگىيە تەتقىقاتى» ناملىق جۇرنىلىدا ئېلان قىلماقچى.
دوكتور ئابلەت سەمەت، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە دوكتور ئۆزۆندەر خانىم قاتارلىقلار قەبرە تېشىدىكى تۈركچە تېكىست بىلەن خىتايچە تېكىستنى ئوقۇپ سېلىشتۇرۇپ چىققان ھەمدە كۆپلىگەن يېڭى تەھلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قەدىمكى يېزىقلارنى ۋە تىللارنى ئوقۇيدىغان ۋە تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەر قوشۇنى يېتىشىپ چىققان بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقلارنى ئۆزلىرى تولدۇرماقتا.