دونالد ترامپ بىلەن كىم جوڭئۇن سۆھبەت ئۈچۈن خانويغا يېتىپ كەلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبەت ئۈچۈن ئارقىمۇ ئارقىدىن ۋىيېتنامنىڭ پايتەختى خانويغا يېتىپ كەلگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 26-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەيشەنبە كۈنى ئاخشىمى ئايروپىلان بىلەن خانويغا كەلگەن.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بولسا ئۇنىڭدىن ئىلگىرىراق پويىز بىلەن 70 نەچچە سائەت يول يۈرۈپ بېيجىڭ ئارقىلىق خانويغا كەلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۇلارنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق رەسمىي كۆرۈشۈشى ھېسابلىنىدىكەن. رەسمىي سۆھبەت 28-فېۋرال كۈنى باشلىنىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، دونالد ترامپ بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئارقىلىق كىم جوڭئۇننى يادرو قوراللار سىستېمىسىنى بىكار قىلىشقا كۆندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ھالبۇكى، «يادروسىزلاندۇرۇش» نىڭ ھازىرچە بىرەر ئېنىق تەپسىلىي لايىھىسى يوق بولۇپ، كىم جوڭئۇنمۇ بۇ توغرىلىق بىرەر ئېنىق ۋاقىت چېكىنى بەلگىلىمىگەن. دونالد ترامپ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئۇلارنىڭ يادروسىزلاندۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى شىمالىي كورېيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن پاراۋانلىققا يۈزلىنىشىگە يول ئاچىدۇ» دېگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، رەسمىي سۆھبەت باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئىككىيلەن غەيرىي رەسمىي يوسۇندا بىللە غىزالىنىدىغان بولۇپ، پەيشەنبە كۈنىدىكى تولۇق سۆھبەتتىن ئىجابىي نەتىجىلەرنىڭ چىقىشى ئۈمىد قىلىنماقتا ئىكەن.