شەرقىي ئاسىيا رايونىدا شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرى تەھدىتى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش كۈنسايىن جىددىيلىشىۋاتقان بىر سەزگۈر پەيتتە، شىمالىي كورېيە بۈگۈن يەنە بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلغان.
رويتېرس ۋە بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ سېئۇلدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي كورېيە بۈگۈن، يەنى 29-ماي كۈنى ۋونسان دېگەن دېڭىز بويىدىكى ھەربىي بازىسىدىن قىسقا مۇساپىلىك بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى قويۇپ بەرگەن.
مەزكۇر باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرققە قاراپ ئۇچۇپ جەنۇبىي كورېيە دېڭىز ساھىلىدىن 450 كىلومېتىر شەرقتىكى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە چۈشكەن. بۇ جاي ياپونىيەنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىغا ئاران 200 مىل كېلىدىكەن.
ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. ياپونىيە تاراتقۇلىرى شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى چۈشكەن دېڭىز تەۋەلىكىدە ھېچقانداق پاراخوت ياكى ئايروپىلاننىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
جەنۇبىي كورېيەنىڭ ھەربىي مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ھەقتە ئانالىز ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: «شىمالىي كورېيە گەرچە ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي كورېيە بىلەن ياپونىيەدىكى ھەربىي بازىلىرىنى نىشان قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ھەتتا ئۇلار ئامېرىكانىڭ تىنچ ئوكياندىكى گۇئام ئارىلى بىلەن ئالياسكىدىكى ھەربىي بازىلىرىغا يېتىپ بارالايدىغان ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ بارلىقىنى پەش قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەربىي تېخنىكىسى بۇنىڭغا يەتمەيدۇ. بۇ تېخنىكىنىڭ ئەمەس، بەلكى ھەربىي كۈچ كۆرسىتىشنىڭ داۋرىڭىدۇر، خالاس.»