شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرىلىدىغان بومبا سىنىقى ۋەزىيەتنى يەنە جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى

شىمالىي كورېيەنىڭ پەسكويغا چۈشۈپ قالغان ۋەزىيىتى سەيشەنبە كۈنىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىدىن كېيىن يەنە جىددىيلىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى بۇنىڭغا مۇناسىپ ئىنكاس قايتۇردى.

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي كورېيە 29-ئاۋغۇست كۈنى ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقان بولۇپ، بومبا ياپونىيەنىڭ شىمالىدىكى خوككايدو ئارىلى ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن. بومبىنىڭ ئۇچۇش مۇساپىسى 2700 كىلومېتىرغا يەتكەن. مۇناسىۋەتلىك ئاخباراتلار بولسا بۇنىڭ شىمالى كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيەگە قاراتقان ئاگاھلاندۇرۇشى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىشماقتا.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇ مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ «باشقىلارغا تەھدىت سېلىش ھەمدە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىش پەقەت شىمالىي كورېيەنى دۇنيادا تېخىمۇ يېتىم قالدۇرىدۇ. بارلىق تاللاش تۈرلىرى ئۈستەلگە راسلاندى» دېگەن ھەمدە ئامېرىكانىڭ پۈتۈنلەي ياپونىيە تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياپونىيە باش ۋەزىرى شېنزو ئابې بولسا «شىمالىي كورېيەنىڭ بۇ خىلدىكى تومپايلىقى ياپونىيە ئۈچۈن مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ئېغىر تەھدىتتۇر» دېگەن.

مەزكۇر سىناق خەلقئارادىمۇ زور تەسىر قوزغىغان. رۇسىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دەرھال شىمالىي كورېيەگە بۇ خىل ئىغۋاگەرچىلىكلىرىنى تېزدىن توختىتىشنى ئېيتقان. خەلقئارا پاي چېكى بازىرىدا بولسا دوللارنىڭ قىممىتى تېزدىن تۆۋەنلەپ، ياۋرونىڭ قىممىتى ئاشقان.