شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جۇڭۇننىڭ ئالىي دەرىجىلىك ياردەمچىسى، شىمالىي كورېيە ئەمگەك پارتىيەسى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى كىم ياڭگون سەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق «قاتناش ۋەقەسى» دە ئۆلگەن.
كىم ياڭگۇن پيوڭياڭنىڭ جەنۇبىي كورېيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى ئىدى. شىمالىي كورېيە مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى چارشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، كىم ياڭگۇننى كىم جۇڭئۇننىڭ «يېقىن يولدىشى، مۇستەھكەم ئىنقىلابىي يولدىشى» دەپ تەرىپلىگەن.
كىم ياڭگۇن بۇ يىل 8-ئايدا شىمالىي كورېيەنىڭ جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىگە رەھبەرلىك قىلغان. بۇ يىل جەنۇبىي كورېيەنىڭ پروڭياڭغا قارشى رادىئو تەشۋىقاتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى شىمال بىلەن جەنۇب ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.
ئەمما ئىككى تەرەپ پەنمۇنجۇم ئۇرۇش توختىتىش نۇقتىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، كېلىشىم ھاسىل قىلغان. نەتىجىدە، جەنۇبىي كورېيە رادىئو تەشۋىقاتىنى توختاتقان، شىمالىي كورېيە ئۆزىنىڭ چېگرادىكى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىدىن ئەپۇ سورىغان ئىدى.
بەزى خەۋەرلەردە ئاشكارىلىشىچە، كىم ياڭگۇن 2007-يىلى سابىق شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جۇڭئىل بىلەن جەنۇبىي كورېيە پرېزىدېنتى رو تېيۋۇنىڭ ئۆز ئارا ئۇچرۇشىشىدا يېتەكچىلىك رول ئوينىغان شەخسلەرنىڭ بىرىكەن.