ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكا گۇرۇپپىسى كورېيە سۇ تەۋەسىگە يېتىپ بارغان، شىمالىي كورېيە ئارقا-ئارقىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر مەزگىلدە كورېيە يېرىم ئارىلى دۇنيا تاراتقۇلىرىنىڭ دىققەت نۇقتىسىدا تۇرماقتا.
شىمالىي كورېيە ئۆتكەن شەنبە كۈنى يەنە بىر قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم. شەرقىي ئاسىيانىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىغا قوشنا دۆلەتلىرىدە ۋەزىيەتنىڭ بارغانسېرى جىددىيلىشىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.
بۇنداق جىددىي ۋەزىيەتتە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ بىر تەرەپتىن ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى ھەمكارلىققا چاقىرسا، يەنە بىر تەرەپتىن، «مۇۋاپىق پۇرسەتتە شىمالىي كورېيەنىڭ رەھبىرى كىم جۇڭ-ئۇن بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
ئالدىنقى كۈنى سىنگاپور، تايلاند ۋە فىلىپپىن قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كونا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئاقسارايدا ترامپ بىلەن كۆرۈشكەن ھەمدە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو تەھدىتىگە قارشى ھەمكارلىق ھاسىل قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.
مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ترامپ بۈگۈن «بلۇمبەرگ خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرىغا «ئەگەر مۇۋاپىق بولسا، ھەقىقەتەنمۇ مۇۋاپىق شارائىت بولسا» ئۆزىنىڭ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جۇڭ-ئۇن بىلەن كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتلىرىدىن جىممىي كارتېر 1994-يىلى شىمالىي كورېيەنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد دىكتاتور رەھبىرى كىم ئېرسىن بىلەن كۆرۈشكەندىن باشقا ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىنىڭ ھېچقايسىسى نۆۋەتتىكى 3-ئەۋلاد شىمالىي كورېيە دىكتاتورى كىم جۇڭ-ئۇن بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىغان ئىكەن.