پرېزىدېنت ترامپ كىم جۇڭئۇن بىلەن كۆرىشىش پىلانىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ شەنبە كۈنى ئاقسارايدا مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جۇڭئۇن بىلەن كۆرىشىش پىلانىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پرېزىدېنت ترامپ ئۆتكەن ھەپتە كىم جۇڭئۇن بىلەن بۇ يىل 12‏-ئىيۇن كۈنى سىنگاپوردا كۆرىشىش پىلانىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇ شىمالىي كورېيە ئامېرىكىغا نەپرەت بىلەن قاراۋاتقان ئەھۋالدا «ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشىنى توغرا دەپ قارىمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.

لېكىن 26‏-ماي كۈنى جەنۇبىي كورېيە پرېزىدېنتى مۇن جىئېن بىلەن بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جۇڭئۇن پانمۇنجۇمدا 2‏-قېتىم تۇيۇقسىز ئۇچراشقان. پرېزىدېنت مۇن جىئېن ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، كىم جۇڭئۇننىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋەدىسىدە يەنىلا چىڭ تۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پرېزىدېنت ترامپ مۇن جىئېننىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىدىن كېيىن كىم جۇڭئۇن بىلەن كۆرىشىش پىلانىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مۇن جىئېن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە «كىم جۇڭئۇن ئۈچۈن ئېنىق بولمىغان نۇقتا ئۇنىڭ يادروسىزلاشتۇرۇش ئىرادىسى ئەمەس، بەلكى شىمالىي كورېيە يادروسىزلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئامېرىكا ئىلگىرىكى دۈشمەنلىك پوزىتسىيەسىگە خاتىمە بېرەمدۇ-يوق، ئۇنىڭ شەخسىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلامدۇ-يوق، دېگەن نۇقتىدۇر،» دېگەن.

رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاقساراينىڭ بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى ترامپ بىلەن كىم جۇڭئۇننىڭ ئۇچرىشىشىغا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن سىنگاپورغا قاراپ يولغا چىققان. ئاقساراينىڭ باياناچىسى ساراھ ساندېرس 26‏-ماي شەنبە كۈنى پرېزىدېنت ترامپنىڭ شىمالىي كورېيە سۆھبىتىنىڭ بىر «سىياسىي بېزەك» كە ئايلىنىپ قېلىشىنى خالمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئەمەلىي ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر نەتىجىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.