CNN: «شىمالىي كورېيە مەسىلىسى ھەل بولسا، ئامېرىكا خىتاي بىلەن تېخىمۇ ئەركىن رىقابەتلىشەلەيدۇ»

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جۇڭۇننىڭ 12‏-ئىيۇن كۈنى سىنگاپوردا ئۇچرىشىدىغانلىقى مۇقىملاشتى.

ئەگەر ئۇچرىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشسا، بۇ ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە كۆرىشىشى بولىدۇ. كۆزەتكۈچىلەر ئۇچرىشىشتا ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدە بۇرۇلۇش يۈز بەرسە، بۇنىڭغا خىتاينىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا.

ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى - CNN نىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر ئانالىزىدا، خىتاينىڭ ئۇچرىشىشنىڭ ئەمەلىي نەتىجىگە ئېرىشىشىنى خالىمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئانالىزدا قەيت قىلىنىشىچە، چۈنكى كورېيە يېرىم ئارىلىدا مۇقىملىق ئەمەلگە ئاشسا، بۇ ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى خىتاي بىلەن بولغان ئىستىراتېگىيەلىك رىقابىتىنى تېخىمۇ ئەركىن ئېلىپ بېرىشىغا ئىمكان يارىتىپ بېرىدىكەن.

ئىلگىرى شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللار پىلانى ئامېرىكىنى بەنت قىلىپ، ئۇنى ئىزچىل خىتاينىڭ ھەمكارلىقىغا مۇھتاج قىلىپ كەلگەن ئىدى.

CNN ئانالىزىدا مۇتەخەسسىسلەر كورېيە ئارىلىدىكى جىددىلىك پەسەيسە، جەنۇبىي كورېيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ پۇت-قولى بوشايدىغانلىقى، ئۇلارنى ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى باشقا جايلارغا يۆتكەش ئىمكانىيىتى تۇغۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئانالىزدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي دونالد ترامپ بىلەن كىم جۇڭئۇننىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ پەقەت كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى ۋەزىيەتنى يۈمشىتىشىنى، لېكىن ئۇنىڭ قولغا چىققۇدەك نەتىجىگە ئېرىشىشىنى خالىمايدىكەن.

ئانالىزدا، ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيە مەسىلىسىگە باغلىنىپ قېلىشى خىتايغا نۇرغۇن پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۇلگەن.

ئانالىزدا قەيت قىلىنىشىچە، بۇ ئۇنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، تەيۋەنگە دىپلوماتىك، ھەربىي بېسىمنى كۈچەيتىشى، ياپونىيەنىڭ شەرقىي دېڭىزدىكى ئاراللىرىغا پاراكلەندىچىلىك سېلىشى، ئارمىيەسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشى ۋە ئاسىيا -تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىقتىسادى مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىكەن.

پرىزىدېنت ترامپ بىلەن كىم جۇڭۇن ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىختىلاپى كۈچىىيىپ كەتكەن مەزگىلدە ئۇچرىشىدۇ. يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا قورال-ياراق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى تەنقىدلەپ، بۇ قوراللارنىڭ باشقىلارنى «قورقۇتۇش ۋە زورلاش» نى مەقسەد قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەم بۇنىڭغا قارشى «ئۈنۈملىك تەدبىرلەر» نى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.