ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جۇڭۇننىڭ تارىخىي ئۇچرىشىشىغا ئازلا ۋاقىت قالدى. ھەر ئىككى دۆلەت رەھبىرى يەكشەنبە كۈنى سىنگاپورغا يېتىپ كەلگەن.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ دۈشەنبە كۈنى سىنگاپور باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەندە سۆھبەتنىڭ «ناھايىتى ياخشى ئۆتۈشى» گە ئۈمىدۋار قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەگەر ترامپ بىلەن كىمنىڭ 12-ئىيۇندىكى ئۇچرىشىشى ئوڭۇشلۇق ئۆتسە، بۇ ناھايىتى زور تارىخىي ۋەقە بولۇپ قالىدۇ.
پرېزىدېنت ترامپ دۈشەنبە كۈنى سىنگاپور باش مىنىستىرى لى شاۋلوڭ بىلەن كۆرۈشكەندە «بىزنىڭ ئەتىكى ئۇچرىشىشىمىز ناھايىتى قىزىقارلىق بولىدۇ. ھەممە ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ئىشەنچىم بار» دېگەن.
ئۇ يەنە سىنگاپورنىڭ ئۆزلىرىنى قىزغىن، قائىدىلىك ۋە دوستانە كۈتۈۋالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ رەھمەت ئېيتقان. لېكىن رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ترامپ سۆھبەتكە ئۈمىدۋار قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى مايك پونپېئو سۆھبەتنىڭ يەنىلا كىم جۇڭۇننىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشتا سەمىمىي ياكى ئەمەسلىكىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
پونپېئو دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، سىنگاپوردىكى بۇ ئۇچرىشىش: «بىزنىڭ مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىشىمىز، (شىمالىي كورېيە) نىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى مىسلىسىز پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېگەن. لېكىن ئۇ بۇ ئۇچرىشىش بىلەن مەسىلە ھەل بولمايدىغانلىقىنى، باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ بىر رامكا تۇرغۇزۇپ، شۇنىڭغا ئەمەل قىلىنىشى لازىملىقىنى، شىمالىي كورېيەنىڭ يادروسىزلاشتۇرۇشتا تەل-تۆكۈۈس، ئىشەنچلىك ۋە يېنىۋالمايدىغان بىر يولغا قاراپ مېڭىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
پومپېئو، بۇ ئەمەلگە ئاشقىچە شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئېمبارگونىڭ قالدۇرۇلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «دىپلوماتىيە ئىشقا يارىمىسا. . . . ئىمبارگونى كۈچەيتىمىز» دېگەن. «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، پرېزىدېنت ترامپ يەكشەنبە كۈنى ئەگەر باشلىقلار ئۇچرىشىشى نەتىجىلىك بولمىسا دەرھال قايتىدىغانلىقىنى، ئەگەر نەتىجىلىك بولسا كىم جۇڭئۇننى ئاق سارايغا تەكلىپ قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.