ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن شىمالىي كورېيە دۆلەت رەھبىرى كىم جۇڭئۇننىڭ تارىخى ئۇچرىشىشى 12-ئىيۇن سەيشەنبە كۈنى سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي كورېيەنى يادروسىزلاندۇرۇش مەسىلىسىدە ئېتىلغان تۇنجى بىر قەدەم بولۇپ ھېسابلىنىدىغان بۇ تارىخى ئۇچرىشىش ئاخىرىدا ئىككى دۆلەت رەھبىرى ئورتاق بىر باياناتقا ئىمزا قويغان.
ئورتاق باياناتتا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى ۋە شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جۇڭئۇن بىلەن بۇ دۆلەتنى يادروسىزلاندۇرۇش باسقۇچىدا يېقىندىن ھەمكارلىشىدىغانلىقى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شىمالىي كورېيە ھەم شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھەمكارلىشىدىغانلىقىدەك مەزمۇنلار يەر ئالغان.
گەرچە، يۇقىرىدىكى ئورتاق بايانات سىمۋول خاراكتېرلىك بولسىمۇ، ئەمما پرېزىدېنت ترامپ ئۇچرىشىشتىن كېيىن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ شىمالىي كورېيەنى «يادروسىزلاندۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنى ناھايىتى قىسقا مۇددەت ئىچىدە باشلايدۇ»، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ شۇنداقلا يەنە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق باياناتتا ئاشكارىلانمىغان بىر قىسىم مەسىلىلەردە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جۇڭئون بولسا سۆزىدە «ئىككى دۆلەت ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ كېلەچەككە يۈزلىنىشكە قارار قىلدۇق، دۇنيا يېقىندا زور بىر ئۆزگىرىشنى كۆرىدۇ» دېگەن.
سىمۋول خاراكتېرلىك بۇ ئۇچرىشىشنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، شىمالىي كورېيەنىڭ يادروسىزلىشىش مەسىلىسىدىكى سەمىمىيىتىگە باغلىق ئىكەن.