يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى جۈمە كۈنى شىمالىي كورېيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر شىمالىي كورېيە تىنچ ئوكياندا يەنە ۋۇدرود بومبىسى سىناق قىلسا، ئامېرىكانىڭ ئۇنىڭغا «مىسلى كۆرۈلمىگەن شىددەت بىلەن» ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ سۆزنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى سۇزان تورىنتون جۈمە كۈنى مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە تەكىتلىگەن. بىراق ئۇ ئامېرىكانىڭ قايسى شەكىلدە «مىسلى كۆرۈلمىگەن شىددەتلىك» ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرمىگەن.
شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جۇڭئۇن پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ ب د ت ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، پيوڭياڭنىڭ ئامېرىكىغا قارشى «تارىختىكى ئەڭ شىددەتلىك ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدىغانلىقى»نى بىلدۈرگەن. ئارقىدىنلا شىمالىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رى يوڭخو، شىمالىي كورېيەنىڭ تىنچ ئوكياندا ۋۇدرود بومبىسى سىناق قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
پرېزىدېنت ترامپ پەيشەنبە كۈنى يەنە شىمالىي كورېيەگە قارشى يېڭى ئېمبارگو بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇپ، شىمالىي كورېيە بىلەن سودا قىلغان ھەر قانداق شەخس ۋە شىركەتلەرنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇ، يېڭى ئېمبارگو قارارىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ كىرىم مەنبەسىنى كېسىپ تاشلاشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
پرېزىدېنت ترامپ پەيشەنبە كۈنى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، خىتاي بانكىلىرىنىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن تىجارەت قىلىشىنى چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ بۇ «يۈرەكلىك» ھەرىكىتىگە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى خىتاي بانكىلىرىنىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن ئومۇميۈزلۈك تىجارەت توختاتقانلىقىنى رەت قىلدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ بۈگۈن مۇخبىرلارغا پرېزىدېنت ترامپنىڭ سۆزىنى «پاكىت بىلەن بىردەك ئەمەس» دېگەن.