رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى شىمالىي كورېيە قىتئەلەر ئارا ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ تىۋىتتېر تورىغا ئىنكاس يېزىپ، خىتايغا دوق قىلغان.
ئۇ، بۈگۈن يازغان ئىنكاسىدا نويابىرنىڭ بېشىدا خىتاينىڭ مەخسۇس بىر ھەيئىتى شىمالىي كورېيەگە بېرىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇنىڭ ھېچ پايدىسى بولمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئۇ، «خىتاي ھەيئىتى قارىماققا بۇ كىچىك ‹راكېتا ئادەم› گە ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەپتۇ،» دېگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى پرېزىدېنت ترامپ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، خىتاينى شىمالىي كورېيەگە كۆپرەك بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرغان. ئامېرىكا يەنە خىتايدىن شىمالىي كورېيەنى نېفىت بىلەن تەمىنلىمەسلىكنى تەلەپ قىلغان.
رويتېرز ئاگنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى ۋەكىلى نىككى ھېيلى شىمالىي كورېيەنى يادرو سىناقلىرىنى توختىتىشقا ئاگاھلاندۇرۇپ، «ئەگەر شىمالىي كورېيە سەيشەنبە كۈنىدىكىدەك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى داۋام قىلسا، ئۇرۇش قوزغاشقا سەۋەبچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن،» دېگەن.