شىمالىي كورېيە قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغان

شىمالىي كورېيە شەنبە كۈنى يەنە 3 دانە قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبام سىنىقى ئېلىپ بارغان. مەزكۇر سىناق ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي ئەسكەرلىرى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن.

نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى سېئۇلدىكى ئەمەلدارلار دەلىللىگەن.

س ن ن خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا تىنچ ئوكيان قوماندانلىق شتابى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ كاڭۋون ئۆلكىسىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى، بومبىلارنىڭ شىمالىي يۆلىنىشكە قاراپ 250 كىلومېتىر ئۇچقانلىقى، ئەمما ئىككىنچى بومبىنىڭ قويۇپ بېرىلگەن ھامان پارتلاپ كەتكەنلىكنى ئېيتقان.

ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە دائىرىلىرى 21-ئاۋغۇست ئۆزىنىڭ يىللىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى باشلىغان.

مەزكۇر مانېۋىر باشلىنىشتىن ئىلگىرى شىمالىي كورېيە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، مانېۋىرنى ئەمەلدىن قىلدۇرۇشقا چاقىرغان ھەمدە ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن مانېۋىرنىڭ «ئاپەت» ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ھالبۇكى، ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ تەھدىتىگە پىسەنت قىلماي مانېۋىرنى ئەسلدىكى پىلان بويىچە داۋام قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە قىسىملىرى «ئۇلچى تىنچلىق ھامىيسى» دەپ ئاتىلىدىغان يىللىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى 1979-يىلىدىن بۇيان يىلغا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتاتتى.

ھالبۇكى بۇ قېتىمقىسى شىمالىي كورېيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تازا جىددىيلەشكەن، شىمالىي كورېيە ئامېرىكىنىڭ گۇئام ئارىلىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتى سالغان مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.

س ن ن نىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە خادىملىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە شىمالىي كورېيە ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىغا بومبا ئاتقۇدەك ئىقتىدارى بارلىقىنى كۆرسىتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، بۇ قېتىمقى قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار نە گۇئام ئارىلىغا، نە ئامېرىكا تۇپراقلىرىغا تەھدىت پەيدا قىلالمايدىكەن.