شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرى سەۋەبلىك خىتاينىڭ چېگرا شەھىرىدىكى سودىگەرلەر زىيان تارتىشقا باشلىغان.
CNN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىلگىرى شىمالىي كورېيەدىن كەلگەن مال سېتىۋالغۇچىلار بىلەن ئالدىراش ئۆتىدىغان خىتاينىڭ دەندۇڭ شەھىرى نۆۋەتتە جىمجىتلىق قاينىمىغا غەرق بولغان.
خەۋەردە مەزكۇر شەھەردىكى سودىگەرلەر، دۇكاندارلار ۋە شىمالىي كورېيەلىكلەرگە مال ئېلىپ بېرىپ جان باقىدىغانلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان چەكلەش تەدبىرلىرى خىتاي سودىگەرلەرنى زىيان تارتىشقا مەجبۇرلىماقتا ئىكەن.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، بىر خىتاي سودىگەر ئىلگىرى شىمالىي كورېيەدىن كۆمۈر ئىمپورت قىلىپ جان باقىدىغانلىقى، ئەمما ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان شىمالىي كورېيەدىن كۆمۈر ئىمپورت قىلىش چەكلىگەنلىكتىن، كېيىن شىمالىي كورېيەدىن دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشقا باشلىغان بولسىمۇ، بۇنىڭمۇ ھازىر چەكلەنگىنى ئېيتىپ، «مەن تۈگەشتىم» دەپ قاقشاپ كەتكەن.
شىمالىي كورېيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن ب د ت شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن ۋە ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا شىمالىي كورېيەنىڭ كۆمۈر مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويغان. خىتاي شۇ يىلى سېنتەبىردە شىمالىي كورېيەدىن كۆمۈر ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن ئىدى.
دەندۇڭدا دۇكان ئاچىدىغان يەنە بىر ئايال خوجايىن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان شىمالىي كورېيە بىلەن سودا قىلىپ كەلگەنلىكى ئەمما نۆۋەتتە چەكلىمە تۈپەيلى سودىسىنىڭ پۈتۈنلەي پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقى، نۆۋەتتە ئىشچىلىرىنى ئۆيگە قايتۇرۇپ پېنسىيىگە چىقىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان مال سېتىۋالغۇچىلارغا ياردەم قىلىپ جان باقىدىغان بىر خىتاي سودىگەرنىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل ئېلىشىچە، ھازىر دەندۇڭدىكى شىمالىي كورېيەلىكلەر بىراقلا «غايىب بولغان.»
ئۇ يەنە دەندۇڭدا قېلىپ قالغان شىمالىي كورېيەلىك ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنىڭ ئىش يوق دۇكان-ساراي ۋە قاۋاق-ئاشپۇزۇللاردا چاي ئىچىشىپ لاغايلاپ كۈن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ب د ت ئۆتكەن يىلى دېكابىردا شىمالىي كورېيەگە قارىتا ئېلان قىلغان يېڭى چەكلىمىسىدە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ شىمالىي كورېيەگە ساتىدىغان خام نېفىت ۋە بېنزىن مىقدارىغىمۇ چەك قويغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئېلان قىلغان بىر سانلىق مەلۇماتتا ئۆتكەن يىلى دېكابىردا شىمالىي كورېيە بىلەن بولغان تاشقى سودىسىنىڭ 50 پىرسەنت تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.