شىمالى كورېيە بۈگۈن قىتئەلەر ئارا ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى يەنە بىر قېتىم خىتاينىڭ مەزكۇر ۋەقەدىكى پوزىتسىيەسىگە مەركەزلەشتى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بۈگۈن بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ شىمالىي كورېيەنى «قاتتىق ئەيىپلەيدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ۋە شىمالىي كورېيەنى ب د ت نىڭ ئالاقىدار قارارلىرىغا بويسۇنۇشقا چاقىرغان.
بەزى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ رايىغا بېقىپ شىمالىي كورېيەگە قارىتا قاتتىقراق پوزىتسىيەدە ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ شىمالىي كورېيە مەسىلىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك پىلانىدا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئاۋسترالىيەلىك مۇتەخەسىش ئېيان گراخام بۈگۈن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ يېقىندا خىتاي ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ شىمالىي كورېيەگە ئۇچۇشىنى بىكار قىلىشى ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دەندۇڭ كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشىنى قىسمەن توختىتىشى، «پەقەتلا ۋاشىنگىتوننى بەزلەش ئۈچۈن، خالاس!» دېگەن.
ئېيان گراخامنىڭ مەزكۇر ماقالىسىدە يەنە شىمالى كورېيەنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى بېيجىڭدا 19-قۇرۇلتاي ئېچىلىۋاتقان مەزگىلىدە بىر مەھەل جىم تۇرغانلىقىنى، قۇرۇلتايدىن كېيىن شى جىنپىڭنىڭ شىمالىي كورېيەگە ۋەكىل ئەۋەتكەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتكەن.
خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» شىمالىي كورېيەنىڭ بۈگۈن ئېلىپ بارغان قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى «ئامېرىكانىڭ شىمالىي كورېيە سىياسىتىدىكى مەغلۇبىيىتىنىڭ ئىپادىسى،» دەپ كۆرسەتكەن. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ئىنكاسىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، «خىتاي كومپارتىيىسى يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ زېھنىيىتىنىڭ ئاشكارىلىنىشى،» دېگەن.