خىتاي شىمالىي كورېيە يادرو مەسىلىسىنىڭ ئۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىنماسلىقى كېرەكلىكىنى يەنە تەكىتلىگەن.
رويتېرز ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى رېكس تېللىېرسون شىمالىي كورېيە يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتكە ئولتۇرۇشى مۇمكىنچىلىكىدىن سۆز ئاچقان بولسىمۇ، ئەمما چارشەنبە كۈنى ئاق ساراي بايانات بېرىپ، «شىمالىي كورېيە قاچان ئۆزىنىڭ پوزىتسىيىسىنى تۈزەتمىگۈچە ئامېرىكا شىمالىي كورېيە بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرمايدۇ،» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۈگۈن جەنۇبىي كورېيە پرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلىنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، كورېيە يېرىم ئارىلىدا ئۇرۇشقا ئىجازەت بېرىلمەسلىكى كېرەك، دېگەن.
رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىنمۇ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئۇرۇشتىن ساقلىنىشنى ياقلاپ، رېكس تېللېرسوننىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەتلىشىش پىكرىنى قوللىغان. ئەمما ياپونىيە تەرەپ، شىمالىي كورېيە توختىماي يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، جىددىيلىك پەيدا قىلىۋاتقان بىر شارائىتتا ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرۇشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئۇنىڭغا قارىتىلغان بېسىمنىڭ كۈچەيتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.